تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(50 – نومۇرلۇق)

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2012 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

 (2012–يىل 3–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ چارە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە يېتەكلەش، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تەشكىلى ۋە ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش، يۆلەش، يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى يېزا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا ئوخشاش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار ياكى ئوخشاش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىگە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلار ئىختىيارىي بىرلەشكەن، دېموكراتىك باشقۇرىدىغان ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدۇر.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرىغا ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، پىششىقلاش، توشۇش، ساقلاش شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىگە ئالاقىدار تېخنىكا، ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنى قىلىدۇ.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى دېھقان (چارۋىچى) لارنى ئاساس، ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت، بازارنى يېتەكچى قىلىدۇ، بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ، كوپىراتىپقا ئىختىيارىي كىرىش، كوپىراتىپتىن ئىختىيارىي چېكىنىش، ئەزالىرىنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، نىزامنامىسى بويىچە پائالىيەت قىلىدۇ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، پايدىنى ئاساسلىقى ئەزالىرىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى بىلەن قىلغان سودا مىقدارى (سوممىسى) بويىچە قايتۇرىدۇ، پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، خېيىم – خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.

4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كونكرېت تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قوللىشى كېرەك.

5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى يېتەكلىشى، يۆلىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك؛ يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتىلدۈرۈش، قانۇندىن، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تۈر جەھەتتىن يۆلەش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كونكرېت ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىش خىراجىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، مالىيە، سۇچىلىق، زېمىن بايلىقى، سودا، قاتناش – تىرانسپورت، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا مەسئۇلىيىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى، يۆلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، تېزلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى شۇنىڭدەك ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچىلىق قىلىش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2 – باب قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش

7 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە (شەھەر)نىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تىزىملىتىپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنىي ئىگىلىك تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك.

ئىككىدىن ئارتۇق دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، بىرلەشمە كوپىراتىپ تەشكىللىسە بولىدۇ. بىرلەشمە كوپىراتىپنى تىزىملىتىشقا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنىي ئىگىلىك تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تىزىم ئۇچۇرىنى تىزىملىغۇچى ئورگان بىلەن تەڭ دەرىجىلىك يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتقا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

8 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىنى چىقىرىشى ھەمدە نىزامنامىسىدە ئەزالىرىنىڭ كوپىراتىپقا كىرىش، كوپىراتىپتىن چېكىنىش شەرتىنى شۇنىڭدەك باشقا مۇھىم ئىشلارنى ئېنىق بەلگىلىشى كېرەك.

قانۇن بويىچە تىزىملاتقان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇن، نىزام ۋە نىزامنامىسى بويىچە ئىچكى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ۋە مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا دائىر ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئالاقىدار مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.

9 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى:

(1) تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، باقچىمىلىق؛

(2) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش؛

(3) يېزا ئىگىلىك ئىستىراھىتى سەيلىسى ۋە سەھرا ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى؛

(4) دېھقانلار ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى؛

(5) يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى؛

(6) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇلازىمىتى؛

(7) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ۋە مۇلازىمەت پائالىيەتلىرى.

10 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرى پۇلنى مەبلەغ قىلىپ چىقارسىمۇ، ئۆز ئىگىدارلىقىدىكى تىجارەتلىك ئۆي، ئۈسكۈنە، ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ناتۇرال مۈلكى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى قاتارلىق شەكىلسىز مۈلكىنى مەبلەغ قىلىپ چىقارسىمۇ بولىدۇ. مەبلەغ قىلىپ چىقىرىلغان ناتۇرال مۈلۈك، شەكىلسىز مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئەزالار يىغىنى (قۇرۇلتىيى) باھالىسىمۇ، باھالىغۇچى ئاپپاراتقا باھالىتىشنى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ ھەم ئۇنى قەرز ئۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

11 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قانۇنغا بىنائەن، ئىختىيار قىلىش، ھەقلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۆتۈنۈش، ئىجارە بېرىش، پاي قوشۇپ ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

دېھقانلاردىن يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مەبلەغ قىلىپ كوپىراتىپقا كىرگەنلىرى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولمايدۇ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتسە بولمايدۇ.

يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مەبلەغ قىلىپ كوپىراتىپقا كىرگەن دېھقانلاردىن كوپىراتىپتىن چېكىنگەنلىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئۆز كوپىراتىپىدىكى باشقا ئەزالارغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

12 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ھەر بىر ئەزاسى ئۈچۈن ئىسچوت ئېچىشى كېرەك. ئىسچوتقا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلارنى خاتىرىلىگەندىن باشقا، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى بىلەن شۇ ئەزانىڭ بارلىق كەسپىي سودىسى شۇنىڭدەك شۇ ئەزانىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدىن ئالغان پايدا ئۈلۈشىنىمۇ خاتىرىلەش كېرەك.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى دۆلەت مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىدىن ھاسىل بولغان مال – مۈلۈك، شۇنىڭدەك جەمئىيەت ھەدىيە قىلغان مال – مۈلۈكنى ھەر بىر ئەزاغا مىقدارلاشتۇرۇپ تەڭ تەقسىم قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئىسچوتىغا خاتىرىلىشى كېرەك.

13 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرى ئىسچوتىغا خاتىرىلەنگەن مەبلىغى ۋە جامائەت جۇغلانما فوند ئۈلۈشىنى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنسە بولىدۇ. نىزامنامىدە بەلگىلەنمىگەن بولسا، كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەزالار يىغىنى (قۇرۇلتىيى) نىڭ قارارى بىلەن، شۇ كوپىراتىپنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئۆتۈنسە بولىدۇ. لېكىن، كېڭەش باشلىقى، كېڭەش ئەزاسى، نازارەتچى ۋە دىرېكتور بولغان ئەزالارنىڭ ئىسچوتىغا خاتىرىلەنگەن مەبلەغ سوممىسى ۋە جامائەت جۇغلانما فوند ئۈلۈشىنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۆتۈنۈشكە بولمايدۇ.

دۆلەت مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىدىن ھاسىل بولغان مال – مۈلۈكنىڭ ئەزالارغا مىقدارلاشتۇرۇلغان ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈشكە بولمايدۇ.

14 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرىدىن سالاھىيىتى يوقالغانلىرىنىڭ ئىسچوتىغا خاتىرىلەنگەن مەبلەغ سوممىسى ۋە جامائەت جۇغلانما فوند ئۈلۈشىنى نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل ۋە مۆھلەت بويىچە قايتۇرۇش كېرەك. ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتى يوقىلىشتىن بۇرۇن شۇ كوپىراتىپتىن ئالىدىغان پايدىسىنى قانۇن بويىچە شۇ ئەزاغا قايتۇرۇش كېرەك. لېكىن، ئەزالارنىڭ ئىسچوتىغا مىقدارلاشتۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن، دۆلەت مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىدىن ھاسىل بولغان مال – مۈلۈك ئۈلۈشىنى قايتۇرماي، شۇ كوپىراتىپقا قالدۇرۇش ھەمدە يىل ئاخىرىدا راسچوت قىلغاندا شۇ كوپىراتىپنىڭ تىزىمىدىكى ئەزالارنىڭ ئىسچوتىغا نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا مىقدارلاشتۇرۇپ كىرگۈزۈش كېرەك؛ باشقىلارنىڭ ھەدىيەسىدىن شەكىللەنگەن مال – مۈلۈك ئۈلۈشىدىن ھەدىيە پۈتۈمى بولغانلىرى پۈتۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، پۈتۈم بولمىغانلىرى ئەزالار يىغىنى (قۇرۇلتىيى) نىڭ قارارى بويىچە بولىدۇ.

سالاھىيىتى يوقالغان ئەزالارغا سالاھىيىتى يوقىلىشتىن بۇرۇن شۇ كوپىراتىپنىڭ زىيىنى ۋە قەرزىنى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چېچىش كېرەك.

15 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالار يىغىنى (قۇرۇلتىيى)، كېڭەش باشلىقى، كېڭەش ئەزاسى دىرېكتورنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ھوقۇق دائىرىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بەلگىلىشى ھەمدە ئۇنى ئەزالار يىغىنى (قۇرۇلتىيى)نىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى مالىيە بوغالتىرى قويۇپ، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك؛ شارائىتى يوقلار يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتقا ياكى مۇناسىپ ساپاغا ئىگە بوغالتىرلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ھېساباتنى خاتىرىلەپ بېرىشنى، ھېسابلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى بوغالتىر تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

16 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى دۆلەت بەلگىلىگەن مالىيە – بوغالتىرلىق تۈزۈمى بويىچە بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىشى ھەم مالىيە يىللىق نەقچوتىنى ۋاقتىدا قىلىشى كېرەك.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى يىل ئاخىرىدىكى پايدا تەقسىماتىدىن بۇرۇن، پۈتۈن يىللىق كىرىم – چىقىمنى توغرا ھېسابلىشى، مال – مۈلۈك ۋە ھەقدارلىق، قەرزدارلىقنى ئېنىقلىشى كېرەك.

17 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى كوپىراتىپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلىشى، ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئەھۋالى، مالىيە ئەھۋالى ۋە باشقا چوڭ – چوڭ ئىشلارنى ئەزالىرىغا قەرەللىك ئېلان قىلىشى، دۆلەت مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى، باشقىلار ئىئانە قىلغان شۇنىڭدەك قانۇنلۇق ئېرىشكەن باشقا مال – مۈلۈكنىڭ ھېساباتقا كىرىش ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى، ئەزالىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئىجرائىي نازارەتچى ياكى نازارەتچىلىك كومىتېتى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مالىيەسىنى نازارەت قىلىش ۋە ئىچكى قىسىمدا مەمۇرىي تەپتىش قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئەزالار يىغىنى (قۇرۇلتىيى) شۇ كوپىراتىپنىڭ مالىيەسىنى يىللىق تەپتىش قىلىش، مەخسۇس تەپتىش قىلىش ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا، ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتا تەپتىش قىلىشنى ئالاقىدار ئىقتىسادىي تەپتىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات دۆلەت مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردەم مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

18 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى بىلەن ئەزالار ئوتتۇرىسىدا ماجىرا كۆرۈلگەندە، نىزامنامە ۋە ئالاقىدار پۈتۈم بويىچە كېلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ كېلىشەلمىسە، شۇ جايدىكى يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتقا مۇرەسسە قىلىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

3 – باب يۆلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىگە ئىسپات ئېلىش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يېتىشتۈرۈش، ماركىتېڭ، تېخنىكا كېڭەيتىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىشى، چەت، يىراق رايونلار ۋە نامرات رايونلاردىكى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنى ئاۋۋال يۆلىشى كېرەك.

20 – ماددا ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى بىلەن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكا يارىتىش، سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

21  – ماددا سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا كۆپ يوللار بىلەن مەبلەغ مەدىتى بېرىشى كېرەك.

سودا خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنىي ئىگىلىرىگە قەرز ئىناۋىتى بىلەن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ يەككە قەرز ئىناۋىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان ئائىلىسى ئىناۋەتلىك قەرز ئېلىش، ئائىلىلەر بىرلىشىپ كېپىللىك قەرز ئېلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىشىگە ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

22 – ماددا ئىناۋەت كېپىل ئاپپاراتى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قەرز كېپىللىكى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شەرتكە توشىدىغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىدىن قەرز ئىلتىماس قىلغانلىرىغا كېپىللىك مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

23 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شۇ كوپىراتىپنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەبلەغ جەھەتتە قانۇن بويىچە ئۆزئارا ياردەم بەرسە بولىدۇ، لېكىن، سىرتقا قارىتىلغان پۇل ئامانەت قويۇش، قەرز بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

24 – ماددا يېزا ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئىناۋەت ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالىشى، قەرز ئىناۋىتىنى بېكىتىشى كېرەك.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىدىن ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۈلگە كوپىراتىپ نامىغا ئېرىشكەنلىرىنىڭ مۇناسىپ ئىناۋەت ساپا دەرىجىسى ۋە قەرز پۇل سوممىسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ.

25 – ماددا سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باب كېلىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە ھەر خىل يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىپ، دېھقانلار كوپىراتىپلىرىنىڭ خېيىم – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

26 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تۆۋەندىكى باج ئېتىبارىدىن ۋە باشقا ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى شۇ كوپىراتىپ ئەزالىرى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتسا شۇنىڭدەك دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى شۇ كوپىراتىپ ئەزالىرىغا سۇلياۋ يوپۇق، ئۇرۇق، مايسا، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتسا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ؛

(2) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىقتىن قىلغان تاپاۋىتىدىن قانۇن بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، كارخانا تاپاۋەت بېجى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ؛

(3) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ماشىنىدا تېرىقچىلىق قىلىش، زەي چىقىرىۋېتىش، سۇغىرىش، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئۆسۈملۈك ئاسراش شۇنىڭدەك ئالاقىدار تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش كەسپىنى يولغا قويۇپ، ئۆي قۇشلىرى، چارۋا، سۇ ھايۋانلىرىنى نەسىللەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كەسپىدىن قىلغان كىرىمىدىن تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛

(4) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى شۇ كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن تۈزگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش – سېتىش توختامىغا ماركا بېجى ئېلىنمايدۇ؛

(5) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن باشقا باج ئېتىبارلىرى.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسى، (4) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باجنى ھېسابلاشتا كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئىسچوتى ۋە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى ئاساس قىلىنىدۇ.

27 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشكە ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك يېرىگە ئىشلىتىدىغان يەرلەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى يېزا ئىگىلىك يېرى قاتارىدا باشقۇرۇلىدۇ.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئۆزى قۇرىدىغان پىششىقلاش كارخانىسى ئېھتىياجلىق بولغان يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش يېرىدىن باشقا يەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن بايلىقى تارمىقى ئالدىن پىلانلىشى، يەر تەستىق رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا ئۆتەپ بېرىشى كېرەك.

28 – ماددا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويىدىغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسا، ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزى مەبلەغ سالىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىش، نامراتلارنى يۆلەش، زېمىننى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئوتتۇرا – تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ياخشىلاش، سۇ – تۇپراق ساقلاش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى شارائىتى بار دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ھاۋالە قىلىدۇ.

29 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشى ۋە زىيانسىز دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېمەكلىك، جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى ئېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلار يېتەكچىلىك قىلىشى، مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

30 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشى ۋە ماركېتىڭ سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، جامائەت سىياسىتى مەسلىھەتچىلىكى قىلىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى، بازار تەمىنات – تەلىپى، پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلىشى ۋە ئېلان قىلىشى كېرەك.

دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىپ، كەسپىي تور پونكىتى قۇرۇپ، ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىن ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشىغا؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق زامانىۋى ماركېتىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشى ۋە تونۇشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

31 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىنىڭ تاللا بازىرىغا كىرىشىگە، بىۋاسىتە سېتىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇشىغا تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، ئۇچۇر يەتكۈزۈشى ۋە مەسلىھەت بېرىشى كېرەك.

32 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە زەي چىقىرىش، سۇغىرىشقا ئىشلەتكەن سۇ، توكنىڭ باھاسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى سۇ، توك باھاسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

33 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇغان قاتناش ۋاسىتىلىرى يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل يولى ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

34 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئۆز ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت مۇلازىمىتىنى ۋاقتىدا قىلىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملار بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى تەكشۈرۈش، ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇش شۇنىڭدەك ئورۇ ياكى قوشۇمچە بەلگە قاتارلىق سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

35 – ماددا دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) دېھقانلارنى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇشقا، ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا ياكى كوپىراتىپتىن چېكىنىشكە زورلىغانلار؛

(2) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق مال – مۈلكىگە چېقىلغانلار؛

(3) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىگە قانۇنسىز ئارىلىشىۋالغانلار؛

(4) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ھەقلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلار؛

(5) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىدىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەبلەغ توپلىغان، ھەق ئالغان، ئۇلارغا جەرىمانە قويغان ۋە سېلىق سالغانلار؛

(6) دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردەم مەبلىغىنى ئېلىۋالغانلار.

36 – ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ساختىپەزلىك قىلىپ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ياردەم مەبلىغىنى ئېلىۋالغان ياكى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان، بۆلۈشۈۋالغان ۋە ياكى ئەزالىرىنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

37 – ماددا ئائىلە ھۆددىگەرلىكىنى يولغا قويغان دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، چارۋىچىلىق فېرمىلىرى، ئورمانچىلىق مەيدانلىرى ۋە بېلىقچىلىق مەيدانلىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇشتا مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىدۇ.

38 – ماددا بۇ چارە 2012 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى