تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

دوستلار چەمبىرىكىدە زەھەر ساتقان ئىستۇدېنت قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

 19 ياشلىق ليۇX چىرايلىق، بىغۇبار كۆرۈنىدىغان گۈزەل قىز بولۇپ، سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھېچكىم ئۇنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دەپ ئويلىمايتتى. يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە بىر زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت دېلوغا سوت ئېچىپ، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ليۇX كە بەش ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى.

 ليۇX خېبېيدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان بولۇپ، باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا تورغا چىقىشنى، ئۈندىداردا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى. مەلۇم بىر كۈنى دوستلىرى ئۇنى بىر ئۈندىدار توپىغا قوشۇپ قويدى، بۇ توپتا ئۇ نۇرغۇن ناتونۇش كىشىلەر بىلەن تونۇشتى، توپتىكى ياڭX ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا «تور سودىگىرى» بولۇش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە «تور سودىگىرى» بولسا تەننەرخنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى، تېز پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ياڭX نىڭ سۆزلىرى ليۇX نى ھاياجانلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ تىجارەت يولىغا كىردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ليۇX ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە نەشە ساتىدىغان ئالاھىدە تور سودىگىرى بولۇپ قالدى.

 ليۇX بۇ يىل فېۋرالدا ئۈندىداردا تۇنجى قېتىم نەشە ساتقاندا دوستى ۋاڭX ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ليۇX دەررۇ ياڭXبىلەن ئالاقىلىشىپ، بىر گىرام نەشىنى 140 يۈەندىن، جەمئىي 10 گىرام نەشە سېتىۋېلىپ، ھەر گىرامىنى 200 يۈەندىن ۋاڭXكە ساتتى. ھەش - پەش دېگۈچە 600 يۈەن پايدا ئېلىش ليۇX نى ئالەمچە خۇشال قىلىۋەتتى.

 ليۇX مۇشۇ تەرىقىدە بىرەر ئاي سودا قىلىپ خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدى. ئۇ پايدىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغاچقا لايىقىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماي، سودىسىنى قىلىۋەردى. 10-مارت لىX ئۈندىدار ئارقىلىق ليۇX تىن مال ئالماقچى بولدى، ليۇX بىر گىرام نەشىنى 240 يۈەندىن بېرىدىغان بولدى ھەمدە شۇ كۈنى سائەت 22:00 دە مېھمانخانىدا مال تاپشۇرىدىغانغا پۈتۈشتى. سودا ئەمدىلا ئاياغلىشىشىغا ليۇX نى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار نەق مەيداندا قولغا چۈشۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى