ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 31-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) تارماق ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ چوڭ ئەترەت بىر ھەپتە ئىچىدە ئومۇمىي ئېغىرلىقى 10 مىڭ گىرام كېلىدىغان مۇزسىمان زەھەر ۋە 2900 گىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرۈپ، دېلوغا چېتىشلىق ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان.
26-ئىيۇل بۇ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئەشيا ئوبوروت شىركىتىگە «مال ئېلىش» قا كەلگەن جىنايەت گۇماندارى سۇن X نى قولغا چۈشۈرگەن، ئۇلار سومكا قاچىلانغان 8 يەشىكتىن مۇزسىمان زەھەردىن 10 بولاق، جەمئىي 10 مىڭ گىرامنى بايقىغان؛ كەينىدىنلا زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار سۇن X نىڭ شېرىكى جىن X نى قولغا چۈشۈرگەن. ئىككى جىنايەت گۇماندارى جىنايى قىلىمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.
28-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا يۈننەندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا بارغان ۋە بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ماX نى قولغا چۈشۈرگەن. ساقچىلار ماX نىڭ سومكىسىدىن قەھۋە خالتىسىغا يوشۇرۇلغان 108 قاپ، جەمئىي 2900 گىرام خىروئىننى بايقىغان.
ماX نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۈچ ئاي بۇرۇن ئۇ سىچۈەننىڭ لياڭشەندە بىر «غوجايىن» بىلەن تونۇشقان، كېيىن «غوجايىن» ئۇنى كۇنمىڭغا بېرىپ ئويناشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ، بېيجىڭغا بېرىپ ئوينىغاچ، «قەھۋە» نى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان.
نۆۋەتتە بۇ ئىككى دېلوغا چېتىشلىق ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، دېلو ئەھۋالى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.