تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى››دا يېڭىدىن ئېچىلغان پاراۋانلىق ئورگانلىرىدىكى كارىۋات 30دىن ئاز بولماسلىق كېرەك، دەپ بەلگىلەندى

ياڭ يىڭچۈن خەۋىرى : ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى›› يېقىندا يولغا قويۇلدى. ‹‹چارە››دە، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن ئېچىلغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىدىكى كارىۋات 30دىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

ئىگىلىنىشىچە، ‹‹چارە››دە دېيىلگەن پۇقراۋى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرى پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار غەيرىي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ ئاچقان، جەمئىيەتنىڭ بېقىشىغا مۇھتاج ياشانغانلار، مېيىپلەر، يېتىملار، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەرنى بېقىش، قاراش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. پۇقراۋى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىھە شارائىتى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ھەق ئېلىش تۈرىنى تەسىس قىلىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مال باھا مەسئۇل تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. پۇقراۋى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرى مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىن قازا قىلغانغا قەدەر بىرلا قېتىم ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.

‹‹چارە››دە مۇنداق بەلگىلەندى: پۇقراۋى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرى ئەگەر ياشانغانلار، مېيىپلەر، يىتىملەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش؛ ‹‹ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگىنى تەسىس قىلىش ئىجازەتنامىسى›› ئالماي ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش؛ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ياكى قانۇنسىز ئىئانە يىغىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن ئەھۋالدا شۇغۇللانغان پائالىيىتى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش؛ باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇش، مەسئۇلىيەت ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماسلىق؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، جۇڭگولۇق چياۋمىنلار ۋە چەت ئەللىكلەرنى قوبۇل قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تىزىملىغان ئورگان قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى