تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

144–نومۇرلۇق

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى›› 2007–يىل 8– ئاينىڭ 14–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 44 – دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى. ئۇ 2007–يىل 10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى

2007–يىل 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى   

1 – ماددا ئۇشبۇ چارە يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى››.

2 – ماددا مەزكۇر چارىدە ئېيتىلغان يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى دېگىنىمىز ‹‹يېزا – بازار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى››دىكى ئادەم ۋە چارۋىنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياسالغان تۈرلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىئانە توپلاپ ياكى مەبلەغ سېلىپ يېزا ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ئىسلاھات، مالىيە، سەھىيە، دۆلەت زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە، يېزا ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

6 – ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشتە دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ھەقسىز بۇيرۇپ بېرىلسە بولىدۇ.

يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىغا توك ئىشلىتىشتە يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش ۋە سۇ چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى يولغا قويۇلىدۇ.

7 – ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى تۆۋەندىكى ئورۇنلار ياكى شەخسلەر (تۆۋەندە يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ) باشقۇرىدۇ.

(1)دۆلەت مەبلەغ سالغان ياكى دۆلەت سالغان مەبلەغ ئاساس قىلىنىپ قۇرۇلغان، كۈنلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 200كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان يېزىلارنى ئىچىملىك سۇ بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى باشقۇرىدۇ؛

(2) دۆلەت مەبلەغ سالغان ياكى دۆلەت سالغان مەبلەغ ئاساس قىلىنىپ قۇرۇلغان، كۈنلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 200كۇب مېتىردىن ئاز بولغان يېزىلارنى ئىچىملىك سۇ بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تارقاق يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى پايدىلىنىش دائىرىسىدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى سۇ ئىشلەتكۈچىلەر جەمئىيىتى باشقۇرىدۇ.

(3) ئورۇن ۋە شەخسلەر مەبلەغ سېلىپ ياكى پاي تۈزۈمى شەكلىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سالغان سۇبيېكتلار ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ.

8 – ماددا قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن يېزا ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىدا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار ئېنىق قوغداش بەلگىسى ئورنىتىدۇ.

9 – ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى دائىرىسىدە تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ:

(1) بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزى تەسىس قىلىش؛

(2) سانائەت ئەخلەتلىرى، ئەخلەت، گەندە ۋە باشقا زىيانلىق تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش، دۆۋىلەش؛

(3)ئەۋرەز سۇ ئۆتىدىغان ھاجەتخانا ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىش يولى ياساش؛

(4)سانائەت كېرەكسىز سۈيى ياكى تۇرمۇش يۇندىسى بىلەن سۇغىرىش ۋە مەڭگۈلۈك ياكى كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىشلىتىش؛

(5) قانۇن – نىزاملاردا شۇغۇللانماسلىق بەلگىلەنگەن باشقا قىلمىشلار.

10–ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ يەر ئۈستى سۇ مەنبەسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەسىگە يېقىن جايدىكى رايوندا سۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارسا ياكى يېڭىدىن سۇ ئېلىش ئېغىزى ياسىسا، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلاردىن تولۇق پىكىر ئېلىپ ۋە ئىلمىي دەلىللەپ، يېزا ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ مىقدارى ۋە سۇ سۈپىتى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

يەر ئاستى سۇ مەنبەسىگە يېقىن جايلاردىن يەر ئاستى سۈيى ئالغاندا، قاتلام بويىچە سۇ توختىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى قانۇن بويىچە تەستىقلايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى ئىچىدە پارتلىتىش، چارلاش ئېچىش قاتارلىق سۇ قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، سۇ مەنبەسىنى بۇلغايدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

12–ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان تاشيول، تۆمۈريول، نېفىت يەتكۈزۈش، گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىشتا، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە، ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، ئىشقا سېلىش جەريانىدا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىغا كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان زىياننى دەلىللەش ھەمدە ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان تاشيول، تۆمۈريول، نېفىت يەتكۈزۈش، گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ مەنبەسى ياكى سۇ تەمىنلەش ئەسلىھەسىگە زىيان يەتكۈزسە، ۋاقتىدا تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھەمدە قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىش لازىم.

13–ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار قەرەللىك ھالدا سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى ۋە سۇ تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ ۋە ئاسراپ، نورمال سۇ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سۇ بىلەن تەمىنلەش توختىتىلسا، سۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

14–ماددا سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى تۇرۇبىلىرىدىن خالىغانچە تۇرۇبا ئۇلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تۇرۇبا ئۇلاشقا توغرا كەلسە، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆز مەيلىچە تۇرۇبا ئۇلىۋېلىپ، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىغا ۋە باشقا سۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم بېرىشى كېرەك.

15–ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى بىخەتەر سۇ بىلەن تەمىنلەش شارائىتىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. تەمىنلىنىدىغان سۇ سۈپىتى چوقۇم دۆلەتنىڭ يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ سۈپىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم.

16–ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىغا دېزىنفېكسىيە ئەسلىھەلىرىنى سەپلىشى ھەمدە تەمىنلەيدىغان سۇ سۈپىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ناھىيە (شەھەر)لىك سەھىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى يوللىشى لازىم.

ناھىيە (شەھەر)لىك سەھىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ مەنبەسىنىڭ سۈپىتى ۋە تەمىنلەيدىغان سۇنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم.

17–ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ باھاسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ باھاسىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ‹‹تەننەرخكە تۆلەم بېرىش، مۇۋاپىق پايدا ئېلىش، سۈپەتلىك بولۇش، باھاسى ئەرزان بولۇش، ئادىل ئۈستىگە ئېلىش›› پرىنسىپىغا ئاساسەن، سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ ۋە تەڭشىلىدۇ.

18–ماددا يېزىلارنى مەركەزلىك ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى سۇ باھاسىنى ناھىيىلىك (شەھەرلىك)خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە تەڭشەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار ۋە سۇ ئىشلەتكۈچىلەردىن پىكىر ئېلىپ، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە)نىڭ باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.

تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ۋە تەڭشەلگەن سۇ باھاسى سۇ تەمىنلەش تەننەرخىنى تولۇقلاشقا يەتمىسە، سۇ باھاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە تەڭشەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان باھا مەسئۇل تارمىقىنى باشقۇرىدىغان شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مالىيىدىن ياردەم بېرىدۇ؛ تەستىقلانغان سۇ باھاسى سۇ تەمىنلەش تەننەرخىنى تولۇقلاشقا يەتمىسە، سۇ باھاسىنى تەستىقلىغان باھا مەسئۇل تارمىقىنى باشقۇرىدىغان شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)مالىيىدىن ياردەم پۇل بېرىدۇ.

19–ماددا يېزىلاردىكى تارقاق ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ باھاسىنى مۇشۇ چارىنىڭ 7 – ماددىسىنىڭ 2– ، 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرغۇچىلار بىلەن سۇ ئىشلەتكۈچىلەر كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

20–ماددا يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىدا سۇ تەمىنلەش نورمىلىق باشقۇرۇلىدۇ، سۇ پىلان بويىچە ئىشلىتىلىپ، ئائىلىلەرگە نورمىلىق تەقسىملىنىپ، كۇب مېتىر بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ؛ نورمىدىن ۋە پىلاندىن ئاشۇرۇپ سۇ ئىشلەتكەنلەردىن باھا قوشۇپ ھەق ئېلىنىدۇ.

21–ماددا سۇ ئىشلەتكۈچىلەر قەرەللىك ھالدا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلارغا سۇ پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك. سۇ پۇلى تاپشۇرۇشنى سەۋەبسىز ئارقىغا سوزسا ياكى سۇ پۇلى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، سۈيلىسىمۇ تاپشۇرمىسا، سۇ تەمىنلەش مىقدارىنى ئازايتىش قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

بەشتە كاپالەت ئائىلىلەر ياكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن پىلان بويىچە ئىشلىتىلىدىغان سۇ پۇلىنى تاپشۇرالمىغانلاردىن ناھىيىلىك (شەھەرلىك)خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سۇ پۇلى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ؛ كەچۈرۈم قىلىنغان سۇ پۇلى ئۈچۈن سۇ پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەستىقلىغان ناھىيىلىك (شەھەرلىك)خەلق ھۆكۈمىتى مالىيىدىن ياردەم پۇل بېرىدۇ.

22 – ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار ئالغان سۇ پۇلى يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش، رېمونت قىلىش، يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

23–ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار باشقۇرۇلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلاپ، سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنى تىزىملاپ ۋە دەپتەر تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ تەمىنلەش مىقدارى، سۇ سۈپىتى، سۇ باھاسى، سۇ ھەققى كىرىم – چىقىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېلان قىلىپ، سۇ ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

24–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش نىشانى ۋە مۇكاپاتلاش – جازالاش چارىسىنى تۈزۈپ، قەرەللىك تەكشۈرۈپ، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

25–ماددا يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلار سۇ تەمىنلەشنى سەۋەبسىز توختىتىپ ياكى سۇ سۈپىتىنى ياخشى نازارەت قىلىپ باشقۇرماي ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار تەنقىد ۋە تەربىيە بېرىدۇ؛ بۇ ئەھۋالنى دۆلەت خىزمەتچىلىرى پەيدا قىلغان بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

26–ماددا بۇ چارىنىڭ 9 – ماددىسىنىڭ 2– ، 3–، 4– تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنسا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى›› ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

27–ماددا ئۇشبۇ چارە 2007–يىل 10–ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى