مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2 – سوتتا مەزكۇر سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققان خې X، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتىگە قارىتا ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئاخىرقى كېسىم چىقىرىپ، خې Xنىڭ شىركىتىگە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش، خې Xكە ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشنى كېسىم قىلغان.
خې Xنىڭ شىركىتى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹ياڭزىجياڭ›› يولى ئەتراپىدا بىنا سالغان، بىنانى سېلىش جەريانىدا شەخسىيلەر ۋە شىركەتلەر بىلەن قۇرۇلۇش قىلىش، رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە جېدەللىشىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون ئىشچى، كارخانا بۇ شىركەت ئۈستىدىن تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2007 – يىل 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بەلگىلەنگەن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشى توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ھۆكۈمنى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىنى بەلگىلىگەن، لېكىن بۇ شىركەت ئىجراغا ئىزچىل ماسلاشمىغان.
تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 2014 – يىلى 4 – ئايدىن 2015 – يىلى 12 – ئايغىچە بۇ شىركەتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان. خې Xسوتنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنمۇ پەرۋا قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا قارىتا ئىككى قېتىم ئەدلىيەلىك تۇتۇپ تۇرۇش تەدبىرى قوللانغان. خې X تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە، سوت مەھكىمىسىگە قەرزنى قايتۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى دوكلات قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. لېكىن تۇتۇپ تۇرۇش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن خې X يەنە ئۆزگىرىۋېلىپ، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا قارىتا 3 – قېتىم تۇتۇپ تۇرۇش تەدبىرى قوللانغان.
2016 – يىلى خې X ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتى بىلەن ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.
ج خ ئورگانلىرى رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق بۇ شىركەتنىڭ باشقا شىركەتنىڭ نامىدا ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئىجارە توختامى ئىمزالىغانلىقىنى، خې Xنىڭ ئىجارە ھەققىنى قىزىنىڭ بانكا كارتىسىغا ياكى باشقا شىركەتنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەنلىكىنى، خې X ۋە شىركەتتە مال – مۈلۈكنى يۆتكەش ۋە يوشۇرۇش قىلمىشى بارلىقىنى، سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى ئەينەن تەكشۈرەلمەي ئامالسىز ئىجرانى توختاتقانلىقىنى بايقىغان.
تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىغان: خې X، شۇنداقلا ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلالايدىغان ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغان قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ. شۇڭا ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹<ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش> نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت پىروگراممىسى››نى يولغا قويغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن تۇنجى ‹‹ئۇششۇق قەرزدار›› بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، خې X، شۇنداقلا ئۇنىڭ شىركىتىنى ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلماسلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قاراپ، يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقارغان. خې X ھۆكۈمگە قايىل بولماي، بىر دەرىجە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2 – سوتتا مەزكۇر دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، خې Xنىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللىنىدۇ، 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمى مۇۋاپىق بولغان دەپ قاراپ، خې Xنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، 1 – سوت ھۆكۈمىنى ساقلاش توغرىسىدا ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى چىقارغان.