تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

 (2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(38 – نومۇرلۇق)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى›› نى يولغا قويۇش چارىسى 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 10 –ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 –كۈنى

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاممىنىڭ تېنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن– نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە ۋە تارماق بويىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئاساسىي مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ؛ كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن كەڭ سەپەرۋەر قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس ئاپپارات نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىلەن ساھە تەشكىلاتى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ تەلەپچانلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىش بىلەن مەجبۇرىي يولغا قويۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسى، پىرىيوم قىلىپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى (تۆۋەندە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى دېيىلىدۇ) ئىش تەقسىماتى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سەھىيە، سودا، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار تۆۋەندىكى ئىش تەقسىماتى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ:

    (1) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى تېرىش، بېقىش، تۇتۇش ئىشلەپچىقىرىشتىكى دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى، ئوغۇت، يەم –خەشەك ۋە يەم – خەشەك خۇرۇچى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىشلىتىشكە نازارەتچىلىك قىلىشقا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

    (2) سودا – سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوبوروت ھالقىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىش ۋە كىنىشكا ئالماي تۇرۇپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛

    (3) سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى چىقىرىش، تۈزىتىش، تەستىقلاش ۋە ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛

    (4) سەھىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ھەمكارلىشىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە يەرلىك ئۆلچەم چىقىرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يېمەكلىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرىدۇ؛

    (5) سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئوبوروت ساھەسى ۋە ھايۋانات سويۇش، مەھسۇلاتنى پىششىقلاش ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛

    (6) مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ۋە بۇلغىنىش قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى لازىم.

    كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

    6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر بىلىملەرنى ۋە قانۇن – نىزاملارنى ئاممىۋى پاراۋانلىقى بويىچە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە دائىر ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە كەڭ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشى لازىم.

    7 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارىتى قىلغۇچىلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارەت قىلىشى لازىم.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلارنى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ساھە جەمئىيىتىنى قانۇن بويىچە قۇرۇشقا ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

    دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى ساھە تەلەپچانلىقى ۋە سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالىرىغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدىن ئۇچۇر بېرىشى، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى، ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن قانۇن بويىچە شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىشى لازىم.

2 – باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاي ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى

    8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەنبەسىدىن قاتتىق باشقۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئۆلچەملىك، كۆلەملىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئۆلچەملىك ئۈلگە بازىسى، ئۈلگە دېھقانچىلىق مەيدانى، باقمىچىلىق رايونى (مەيدانى) ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇم رايونى قىلىپ بەلگىلەنمىگەن رايون (يۇقۇمسىز رايون) قۇرۇلۇشىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

    9 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قاتارلىق ئىسپاتلارنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى يارىتىشىغا ھەمدە ئالاقىدار بەلگە ئىشلىتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىسپات بېرىلگەن مەھسۇلاتنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

    10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ مۇھىت ئامىلىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتنى تۈزۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى لازىم.

    ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى كۆپ چىقىدىغان رايون ۋە چوڭ – ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، زاۋۇت – كانلار ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

    11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى ئۆز رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سورت ئالاھىدىلىكى ۋە مەھسۇلات چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينى ئايرىشى، پىلانلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى لازىم.

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنىدىغان رايوننى ئايرىش لازىم.

    12 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى چىقىرىشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بويىچە تەتقىق قىلىش، تەربىيەلەش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشقا، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى لازىم.

    13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان، ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

    14 – ماددا يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرى تىجارىتى قىلغۇچىلار سېتىۋېلىش – سېتىش قونداق ھېساباتى تۇرغۇزۇپ، سېلىنمىنىڭ نامى، ئۆلچىمى، سانى، مال تەمىنلىگۈچى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى (تۈركۈم نومۇرى)، مەھسۇلات تىزىملاش كىنىشكىسى نومۇرى (تەستىق نومۇرى) شۇنىڭدەك مال كىرگۈزگەن – ساتقان ۋاقىت، سېتىش ئوبيېكتى ھەم سېتىش مىقدارى قاتارلىقلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى لازىم. سېتىۋېلىش – سېتىش قونداق ھېساباتىنى ساقلاش ۋاقتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

    يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرى تىجارىتى قىلغۇچىلار يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى سېتىۋالغاندا، مال بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئىجازەتنامىسى ۋە مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ساقلىشى؛ يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى سېتىشتا، سېتىۋالغۇچىلارغا سېتىش ئىسپاتى، ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشى؛ ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنىڭ باپ كېلىدىغان دائىرىسى، ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش خەۋپ – خەتىرىنى سېتىۋالغۇچىغا ئېيتىشى لازىم.

    15 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى تۇتۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى لازىم:

    (1) ئىشلىتىلگەن يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنىڭ نامى، سېتىۋېلىش ئورنى، مىقدارى، مەھسۇلات تىزىملاش كىنىشكا نومۇرى (تەستىق نومۇرى)، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش مىقدارى، ئىشلىتىش مۇددىتى ۋە ئىشلىتىشتىن توختىتىش مۇددىتى، دورا توختىتىپ تۇرۇش ۋاقتى، ئارىلىق مەزگىلى ۋە ئىشلەتكۈچى؛

    (2) ھايۋانات يۇقۇمى، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆلۈش ئەھۋالى، ئۇنى زىيانسىزلاندۇرۇپ ياكى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى؛

    (3) سويۇش، تۇتۇش، ئورۇش، يىغىش ۋاقتى؛

    (4) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەزمۇنلار.

    16 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولۇش مەنئى قىلىنىدۇ:

    (1) دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىشلىتىش؛

    (2) دۆلەت ئىشلىتىشكە چەك قويغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى دائىرىدىن، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش؛

    (3) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىپ تۇتۇش، ئوۋلاش؛

    (4) بىخەتەر ئارىلىق مەزگىلى، دورا توختىتىپ تۇرۇش مەزگىلى توشمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سويۇش، تۇتۇش، ئورۇش، يىغىش؛

    (5) ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان رايوندا ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش؛

    (6) قانۇن – نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

    17 – ماددا قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جايغا كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، قاتتىق تاشلاندۇق ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق باشقا ماددىلارنى قويۇپ بېرىش ياكى تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

    يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ۋە ئوغۇت قىلىنىدىغان قاتتىق تاشلاندۇق دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

    18 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانلار كەسپىي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆزى تەكشۈرۈشى ياكى ساپاسى بار تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ تەكشۈرتۈشى لازىم. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا، تەكشۈرۈش لاياقەت ئىسپاتى بېرىشى؛ لاياقەتلىك بولمىسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە زىيانسىزلاندۇرۇشى ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشى لازىم.

3 – باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئورۇسى ۋە تىجارىتى

    19 – ماددا دۆلەت ئوراپ سېتىشنى بەلگىلىگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئوراپ سېتىش شەرت؛ ئورالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئورۇسى ئېچىپ سېتىلىدىغانلىرى قايتا ئورالمىسىمۇ بولىدۇ.

    20 – ماددا ئوراپ سېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئورۇسىغا بەلگە ياكى قوشۇمچە بەلگە سېلىپ، مەھسۇلات نامى، چىققان جايى، ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىسپات بەلگىسى ۋە گۇۋاھنامە بەرگەن ئاپپارات قاتارلىقلارنى يېزىش كېرەك.

    ئوراپ سېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن دەرىجە ئۆلچىمى بولغانلىرىغا سۈپەت دەرىجىسىنى يېزىش؛ خۇرۇچ ئىشلىتىلگەنلىرىگە، خۇرۇچنىڭ نامى ۋە مىقدارىنى يېزىش؛ يېزا ئىگىلىكىدىكى گېنى يۆتكەلگەن بىيومەھسۇلاتقا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بەلگە سېلىش كېرەك.

    21 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئورايدىغانلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

    (1) ئىشلەتكەن ئورۇ ماتېرىيالى، يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، خۇرۇچ قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

    (2) ئوراش سورۇنىنىڭ تازىلىقى، يۇقۇم مۇداپىئە شارائىتى، ئەسۋاب، سۇ قاتارلىقلار ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، زۆرۈر سوغۇق ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

    (3) ئورىغۇچىلارنىڭ سەھىيە تارماقلىرى بەرگەن ساغلاملىق كىنىشكىسى بولۇش.

    بېسىش، چاپلاش، پۈركۈش، ئورنىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا بىۋاسىتە بەلگە سېلىش، بەلگە نومۇرى قويۇشتا، ئىشلەتكەن ماتېرىياللار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تازىلىقىغا ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە ئالاقىدار ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

    22 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىشتا بازار ئىجازىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بازار ئىجازىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ تۈرى (تىزىملىكى)، بازار تىپى (تىزىملىكى) ۋە يولغا قويۇش ۋاقتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك تارمىقى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئېلان قىلىدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتنى چىققان جاي ئىسپاتى ۋە سۈپەت لاياقەت ئىسپاتى بىلەن بازارغا سېلىپ سېتىش كېرەك.

    سۈپەت لاياقەت ئىسپاتى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن لاياقەت ئىسپاتى، زىيانسىز، يېشىل ۋە ئورگانىك يېمەكلىك ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    23 – ماددا تۆۋەندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ:

    (1) تەركىبىدە دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، ببلىقچىلىق دورىسى ياكى باشقا خىمىيەلىك ماددا بولغان مەھسۇلاتلار؛

    (2) دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، بېلىقچىلىق دورىسى قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ قالدۇقى ياكى ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلار؛

    (3) تەركىبىدىكى كېسەل قوزغاتقۇچى پارازىت قۇرت، مىكرو جانلىقلار ياكى بىيوتوكسىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمىغان مەھسۇلاتلار؛

    (4) ئىشلىتىلگەن ئورۇ ماتېرىيالى، يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، خۇرۇچ قاتارلىق ماتېرىياللار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن مەھسۇلاتلار؛

    (5) تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىشتا لاياقەتسىز بولغان مەھسۇلاتلار؛

    (6) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى.

    كېسەل تېگىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋانات ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    24 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، بېكىتىلگەن قۇشخانا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى مەخسۇس دۇكىنى ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تاللا بازىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تىجارىتى قىلغۇچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

    (1) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلارنى قويۇش؛

    (2) سوغۇق ۋە يېڭى پېتى ساقلاشقا تېگىشلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى يۆتكەش ۋە ساقلاشتا، شۇنىڭغا تۇشلۇق سوغۇق ساقلاش ئەسلىھەسى سەپلەش؛

    (3) تىجارەت سورۇنىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سورۇن ۋە ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش؛

    (4) بازارغا كىرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تىجارەتچىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى كېلىشىمى تۈزۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛

    (5) كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ۋىۋىسكا ئېسىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ نامى، چىققان جايى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەينەن يېزىش؛

    (6) كىرگۈزۈلگەن مالنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، چىققان جاي ئىسپاتى ۋە سۈپەت لاياقەت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش ھەمدە خاتىرىلەش؛

    (7) تەكشۈرۈش لاياقەت ئىسپاتى بولمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئادەم ۋە خىراجەت ئاجرىتىپ تەكشۈرۈش كېرەك، ساپاسى بار تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولىدۇ؛

    (8) بازاردا سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بارلىقىنى بايقىغان ھامان سېتىشنى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقىغا ياكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.

    25 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىش كارخانىلىرى سېتىش خاتىرىسى تۇتۇپ، ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ نامى، چىققان جايى، مىقدارى، ساتقان ۋاقتى، نەگە ساتقانلىقى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. سېتىش خاتىرىسىنى ساقلاش ۋاقتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

    26 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش، ئوراش، يېڭى پېتى ساقلاش، توشۇش، ساقلاش ۋە سېتىشتا، مۇھىتنىڭ بىخەتەر، زەھەرسىز، زىيانسىز ۋە پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى زەھەرلىك، زىيانلىق بۇيۇملار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلاشقا، ئارىلاشتۇرۇپ ساقلاشقا بولمايدۇ.

    27 – ماددا مېھمانساراي، مېھمانخانا ۋە ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاشخانىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىۋالغاندا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تىجارەتچىسىدىن كۈچكە ئىگە تالون ئېلىشى ھەمدە مال كىرگۈزۈش قونداق ھېساباتى تۇتۇپ خاتىرىلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

4 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

    28 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە ئۇنىڭ ئورۇ بەلگىسىنى تەكشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

    29 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك تارمىقىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش پىلانىنى تۈزۈشكە ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىللىشى، ساپاسى بار تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ياكى بازاردا سېتىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى دائىملىق كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە كۆزىتىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك؛ نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە باشقۇرۇلغۇچىلاردىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

    سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    30 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

    (1) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى، ئوراش، تىجارەت قىلىش ۋە ساقلاش سورۇنىنى تەكشۈرۈش؛

    (2) ئالاقىدارلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت خاتىرىسى، ئارخىپى، تالونى، ھېسابات دەپتىرى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش،كۆپەيتىش؛

    (3) سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە مەجبۇرلاش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى تىزىملاپ ساقلاش، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش.

    31 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى دائىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. باشقا ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلان قىلسا بولمايدۇ.

    32 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يوشۇرۇن خەۋپنى تەھلىل قىلىشى، مۆلچەرلىشى، باھالىشى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    33 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىدە بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆرۈلسە، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى؛ مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق قانۇن بويىچە نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىپ، مۇناسىپ جىددىي تەدبىر قوللىنىش لايىھەسى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇشى ھەمدە دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يوشۇرۇشىغا ياكى يالغان مەلۇم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    34 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئەرز – شىكايەتنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاش قىلىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ بىخەتەرلىك ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش داۋامىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە پىكىر– تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    35 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 14 –، 25 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    36 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 16– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى زىيانسىزلاندۇرۇشقا ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ مەنئى قىلىنغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    37 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 17 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جايغا كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، قاتتىق تاشلاندۇق ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بەرگەن ياكى تۆككەنلەرگە مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

    38 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىققان جاي ئىسپاتى ۋە سۈپەت لاياقەت ئىسپاتى يوق تۇرۇپ، بازار ئىجازىتى بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ ساتقان مەھسۇلاتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    39 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 23 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىشنى توختىتىشقا، سېتىۋەتكەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى زىيانسىزلاندۇرىدۇ ياكى كۆيدۈرگۈزىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› بويىچە جازا بېرىدۇ.

    40 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 24 – ماددىسىنىڭ (6)، (7)، (8) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    41 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 26 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    42 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدا سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، ئىستېمالچى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ جاۋابكارلىق ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىدا بولسا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئىستېمالچى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچىدىن بىۋاسىتە تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

    43 – ماددا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى ئۇنىڭ باشقا مەسئۇل ئورگىنى ئاساسلىق مەسئۇل خادىم، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

    (1) نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى بايقىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا؛

    (2) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرمىگەن ياكى ساختا، يالغان تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ بەرگەن بولسا؛

    (3) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى جەھەتتىكى ئېغىر تاسادىپىي ۋەقەنى يوشۇرغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغان بولسا؛

    (4) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىشتەك باشقا قىلمىشى بولسا.

    44 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن – نىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    45 – ماددا بۇ چارىدىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى يېزا ئىگىلىكىدىن ئېلىنغان ئاشلىق، ياغلىق دان، كۆكتات، قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چىۋە، چاي، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ، چارۋا – قۇش، قۇش تۇخۇمى، خام سۈت، بېلىق، راك، ھەسەل قاتارلىق ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مىكرو جانلىقلارنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتلىرى، شۇنىڭدەك يۇيۇش، ئايرىش، قۇرۇتۇش، شاكىلىدىن ئاجرىتىش، توغراش، دەرىجىگە ئايرىش، ئوراش، توڭلىتىش قاتارلىق دەسلەپكى پىششىقلاشتىن ئۆتكەن، لېكىن، ئاساسىي تەبىئىي ھالىتى ۋە خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرمىگەن مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    (1) دانلىق ۋە ياغلىق زىرائەت بۇغداي، شال، پۇرچاق، قارا ئاشلىق (جۈملىدىن قوناق، ماش، قىزىل پۇرچاق، باقىلە، كۆك پۇرچاق، قارا بۇغداي، ئارپا، يالىڭاچ ئارپا، سۇلۇ، ئاق قوناق، تېرىق، تەسۋىقوناق)، يەر ياڭىقى، كۈنجۈت، قىچا، چىگىت، گازىر، ئابدىمىلىك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

    (2) قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چىۋە، كۆكتات تەبىئىي ئۆسىدىغان ۋە سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چىۋە، كۆكتاتلارنى، جۈملىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزى تېرىغان، يىغىۋالغان، مەھسۇلاتنى شۇ ھامان ئاددىي پىششىقلىغان قوغۇن قېقى، مېۋە قېقى ۋە چىلىغان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چىۋە، كۆكتاتنى خام ئەشيا قىلىپ ياسىغان مۇراببا بۇنىڭ سىرتىدا.

    (3) يېمەكلىك زەمبۇرۇغ تەبىئىي ئۆسكەن ۋە يېتىشتۈرۈلگەن يېمەكلىك زەمبۇرۇغ، جۈملىدىن ھۆل زەمبۇرۇغ ۋە ئۇنىڭ قېقىنى، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزى تېرىپ، يىغىۋېلىپ، شۇ ھامان ئاددىي ئۇسۇلدا يېڭى پېتى ساقلىغان، قۇرۇتقان، ئورىغان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ.

    (4) دورا ماتېرىيال تەبىئىي ئۆسكەن ۋە يېتىشتۈرۈلگەن دورا ماتېرىيالنى كۆرسىتىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىيالى ياكى جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىلىرىنى ئىشلىگۈچى كارخانىلار توغراش، قورۇش، قاقلاش، قۇرۇتۇش، ئىسلاش، ھورداش، ئوراش قاتارلىق ئىش تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ ياسىغان مەھسۇلاتلار بۇنىڭ سىرتىدا.

    (5) خام چاي چاي دەرىخىدىن يىغىۋېلىنغان يوپۇرماق ۋە بىخ (چاي كۆكى) نى شامالدىتىپ قۇرۇتۇش، ئارىلاشتۇرۇش، ئېچىتىش، قاقلاپ قۇرۇتۇش قاتارلىق ئىش تەرتىپى بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلىغان چاينى كۆرسىتىدۇ.

    (6) كۆك تاماكا ھەر خىل تاماكىلارنىڭ يوپۇرمىقىنى پىششىقلاش ئارقىلىق ياسىغان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان كۆك تاماكا، شامالدا قۇرۇتۇلغان كۆك تاماكا ۋە قاقلاپ قۇرۇتۇلغان كۆك تاماكا دەپ ئايرىلىدۇ.

    (7) چارۋا، قۇش، ھايۋانات، ھاشارات، يەر بېغىرلىغۇچى قۇرت، قوش ماكانلىق ھايۋانات تۈرىدىكىلەر.

    ① تىرىك قۇش، تىرىك چارۋا، تىرىك قۇرت، تىرىك چوشقا، بورداق كالا، بورداق قوي، گۆشلۈك پاقا قاتارلىقلار؛

    ② سويۇلغان قۇش ۋە خام تۇخۇم، تازىلانغان قۇش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچى ئۆزى بېقىپ سويغان، پارچىلىمىغان قۇشنى كۆرسىتىدۇ؛

    ③ ھايۋاناتنىڭ تېنىدىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلار ياكى ئۇلارنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، پىلە قۇرتى، بۇغا مۈڭگۈزى، دېڭىزيا، ئانا ھەرە جەۋھىرى، خام سۈت قاتارلىقلار؛

    ④ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان باشقا ھايۋانلار.

    (8) سۇ مەھسۇلاتلىرى.

    ① تاتلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى تاتلىق سۇ ھايۋانلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلىرى؛

    ② ساھىل باقمىچىلىق، مەھسۇلاتلىرى ساھىلدا بېقىلغان ھايۋانات ۋە ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەر؛

    ③ سۇ مەھسۇلاتى تۈرىدىكىلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار تۇتۇپ، يىغىپ، شۇ ھامان ئاددىي ئۇسۇلدا توڭلاتقان، چىلىغان ۋە تەبىئىي قۇرۇتقان مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

    يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن ياكى قوشۇلغان ماددىلارنى، جۈملىدىن دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى، ئۇرۇق، كۆچەت – مايسا، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقى، نەسىللىك چارۋا – قۇش، ئوغۇت، يەم – خەشەك ۋە يەم – خەشەك خۇرۇچى، سۇلياۋ يوپۇق، مال دوختۇرلۇق ئۈسكۈنىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنا – ئۈسكۈنىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كېرەكلىك تۇپراق، سۇ ۋە ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

    46 – ماددا بۇ چارە 2011 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى