ئاياللار ئېرىنىڭ باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى ماختىشىنى يامان كۆرىدۇ، ئەمما رېئاللىققا بويسۇنمايمۇ ئامال يوق، چۈنكى %90 ئەر باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن ياخشى، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ بۇنداق قارىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
1.«ئەركىنلىك» ئىزدەش. ئاياللار مۇھەببەتلەشكەن ياكى توي قىلغاندىن كېيىن مۇھەببىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يىگىتى ياكى ئېرىنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئازابلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەرلەر سىرتلاردا «ئەركىنلىك» ئىزدەپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. يېڭىلىققا ئىنتىلىش پىسخىكىسى. ئەرلەرنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش پىسخىكىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، لايىقى ياكى خوتۇنى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت بىللە تۇرغاندىن كېيىن، يېڭىلىق تۇيغۇسى بارغانچە سۇسلىشىدۇ، نەتىجىدە باشقىلارنىڭ لايىقى ياكى خوتۇنىغا ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا قىز-ئاياللار يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىشلىرىنى ئەنئەنىدىن چەتنىمىگەن ھالدا ئۆزگەرتىپ، يىگىتى ياكى ئېرىگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.
3. بويسۇندۇرۇش پىسخىكىسى. بەزى ئەرلەر ئاياللىرىنى بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۆز ئىقتىدارىنى باشقا ئاياللارغىمۇ نامايان قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.