تومۇزدا كىشىلەر سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى، ھاۋا تەڭشىگۈچ بار جايدا تۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمما ھەر ئىش نورمال بولمىسا، ھامان چاتىقى چىقىدۇ. تومۇزدا زىيادە سوغۇقلۇق قىلىش، سوغۇققا ئىنتىلىشمۇ ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق.
جۇڭگو تېبابېتىدە يازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى، زۇكام، قىزىشنىڭ ھەممىسى سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشتىن، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.سوغۇق يېمەك-ئىچمەك ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكىتىدە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياللۇغنى قايتا قوزغايدۇ ياكى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا سوغۇقتىن قورقىدىغان بوغۇم ئاغرىقى، رېماتىزم قاتارلىقلار يازدىمۇ تەكرار قوزغىلىدۇ.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى