سۆڭىكى سۇنغانلار ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىچمەسلىكى كېرەك-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سۆڭىكى سۇنغانلار ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىچمەسلىكى كېرەك

 بەزى كىشىلەر سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن ئاغرىققا چىدىماي كۆپ مىقداردا ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىچىدۇ. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىرى ۋىراچ چېن گاڭ بىر قىسىم ئاغرىق پەسەيتكۈچى ۋە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى دورىلارنىڭ سۇنۇقنىڭ تۇتۇشىغا پايدىسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 - ئاسپىرىن، ئىندومېتاتسىن، ۋولتارېن قاتارلىق ستېروئىدسىز ئاغرىق پەسەيتكۈچ دورىلار پروستاگلاندىننى تورمۇزلاش ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىدۇ. بىراق پروستاگلاندىن تورمۇزلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇنۇق بار ئورۇندىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىۋەتكەنلىكتىن، يەرلىك ئورۇندىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ناچارلىشىپ، سۇنۇق ئوڭاي تۇتمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۆڭەك سۇنغان ئورۇن كۆپ مىقداردا كالتىسىي قويۇپ بېرىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە بىمارلار سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن كالتىسىي تولۇقلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن كالتىسىينى زىيادە تولۇقلىغاندا بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا قىلىدۇ. سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن، ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى