پېشانە دائىم ئاغرىسا، ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ بېشارىتى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

پېشانە دائىم ئاغرىسا، ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ بېشارىتى

 پېشانە بىلەن كۆز ئەتراپى دائىم ئاغرىسا ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ بېشارىتى، ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە ياكى ئاشقازاندا يەل بولسا، دائىم پېشانە ئاغرىيدۇ. پېشانە ئاشقازان نېرۋىلىرى بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ تىلى قىزىرىپ، ئاغزى قۇرۇپ، دائىم ئۇسسايدۇ ھەم ئاغزى پۇرايدۇ، ئاساسەن قەۋزىيەت بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى كونترول قىلىپ، مۇچ قاتارلىق ئىسسىقنى ئاشۇرىدىغان تېتىتقۇلارنى، گۆش، كۈدە، باش پىياز، ئانار، شاپتۇل، چىلان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك. دائىم پېشانىسى ئاغرىيدىغانلار ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، زىيادە ھېرىپ-چارچىماسلىقى، ئاسان ئاچچىقلانماسلىقى كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى