تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتتى

جاڭ تيېلىڭ، جاڭ جىڭ

 ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى قارايۇلغۇن كەنتىدىكى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى›› ھەر قېتىمقى ھېيت–بايرامدا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كېتىدۇ، ئەمدىلا ئاياغلاشقان جۇڭچيۇ بايرىمىمۇ مۇشۇنداق ئۆتتى.

 بۇ كەنتتە ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، قايسى مىللەتنىڭ بايرىمى بولسۇن، كۆپچىلىك بىللە ئۆتكۈزىدۇ.

 قارايۇلغۇن كەنتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتىكى ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشخانىسى كۆپچىلىكنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى››دۇر.

 بىز يېقىندا قارايۇلغۇن كەنتىنى زىيارەت قىلدۇق.

 ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى››گە ئەڭ يېقىن ئائىلىنىڭ باشلىقى ما لەنخۇا ناھىيە بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس ئىكەن. ما لەنخۇا 38 يىل ئىلگىرى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرىدىن ياتلىق بولۇپ بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئىزچىل مۇشۇ كەنتتە تۇرۇۋېتىپتۇ.

 _ يۇرتىڭىزغا قايتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

 _  يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا ئويلىغان، ھازىر ئويلىمايمەن!

 _ ئۆي كۆچۈش قولايسىز بولغاچقىمۇ؟

  ــ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۆي كۆچۈش ئاسان، لېكىن بۇ جايدىكى كونا قوشنىلىرىمغا كۆزۈم قىيمايدۇ. يۇرتۇمغا قايتىپ كېتىش ئەمەس، ناھىيە بازىرىدىكى قىزىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەچچە كۈن تۇرساممۇ كۆنەلمەيمەن. قوشنىلىرىم مېنى نەچچە كۈن كۆرمىسە، تېلېفون قىلىپ، نەگە كەتتىڭ، قاچان كېلىسەن، دەپ سوراپ كېتىدۇ.

 ما لەنخۇا بىز بىلەن سۆزلەشكەچ، قوتىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، 80 نەچچە تۇياق قويى ۋە 70 مو بېدىلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن 7–ئايدا جيۇچۈەنگە بېرىپ كەلدىم، ئىنىم ئابدۇشۈكۈر مەمەت ياردەملىشىپ قويلىرىمنى بېقىشىپ بەردى. ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوت–چۆپ ئورۇش ماشىنىسى تېپىپ كېلىپ، بېدىلىرىمنى ئورۇغۇزۇپ، باغلىتىپ بەردى.

 گەپ ئارىلىقىدا 40 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر كىشى پارچىلاپ خالتىغا قاچىلانغان قوي گۆشىنى كۆتۈرگىنىچە ھويلىغا كىرىپ كەلدى، بۇ دەل ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئىدى. ئەسلىدە ما لەنخۇانىڭ ئېرى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ قوي سويىدىغانغا ئوخشاش ئىشلىرىنى ئابدۇشۈكۈر مەمەت ياردەملىشىپ قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

 ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئاچىسى ما لەنخۇا بىلەن بولغان مېھىر–مۇھەببەتنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ما لەنخۇا ئاچام توي قىلىپ بىزنىڭ يېزىغا كەلدى، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئاتا–ئانام تۈگەپ كەتكەن بولغاچقا، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىدە تاماق يەيتىم. ئۆي–ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، مەن باقمىچىلىق قىلدىم، ئۇ ماڭا بىر پۇڭ ئۆسۈم ئالماي قەرز پۇل بېرىپ تۇردى. بالىلىرىم مەكتەپكە كىرگەندە، توي قىلغاندا، ئۇ ھەر قېتىم نەق پۇل بىلەن قۇتلۇقلىدى، بىز ھەقىقەتەن بىر ئائىلە كىشىلىرى.

 ما لەنخۇانىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، كوچىنى بويلاپ ماڭدۇق، يول بويىغا 20 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىنغان ئىكەن. ھەسەنجان زايىتنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە خەنزۇ ئاھالە يەن زۇخۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئولتۇرىدىكەن. يەن زۇخۇڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم ھېيت–بايرام كەلگەندە مەن تاماق يەپ بولغان بولساممۇ، ھەسەنجان ئۇنىمىغىنىمغا قويماي مېنى ئۆيىگە ئەكىرىپ، گۆش يېگۈزمىسە بولدى قىلمايدۇ. ئۇلار ئەر–خوتۇن ئىككىسى ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كىرىپ قالسا، پىشۇرۇپ قويغان قوي گۆشى ياكى كالا گۆشىنى بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەيدۇ. بىز بىر قازاندىن تاماق يېيەلەيدىغان تۇرساق، مۇناسىۋىتىمىز قانداقمۇ ياخشى بولمىسۇن؟

 قىرغىز ئاھالە جاڭىۋاي تۇردالى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەم، بىرەر قېتىم قىزىرىشىپ قالغىنىمىزنى بىلمەيمەن. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بىز سىرتقا چىقساق ئىشىك تاقىمايمىز، جەمئىيەت ئامانلىقى شۇنداق ياخشى. ئادەتتىكى چاغلاردا كىمنىڭ ئۆيىدە بىرەر ئىش بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھە–ھۇ دېيىشىپ ئۆزئارا ياردەملىشىدۇ.

 نەچچە ئون يىللار مابەينىدە، قارايۇلغۇن كەنتىدىكى ئاھالىلەر ناھايىتى يېقىن ئۆتۈپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد پېشقەدەملەرنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولۇپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى