ۋەسىيەتنامە قانۇنغا ئۇيغۇن يېزىلسا، مىراس توغرا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

ۋەسىيەتنامە قانۇنغا ئۇيغۇن يېزىلسا، مىراس توغرا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

خۇاڭ جې

   بېيجىڭ شەھىرى شىچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ماجىراسىغا دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. شىچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 6 – كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى لى يۆپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان مىراسقا ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىشقا دائىر ماجىرا كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى پىلانىنى تۈزۈش ئېڭىنىڭ ئەمدىلەتىن بىخلانغانلىقىنى، مەسىلىنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

   شىچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلغان ۋەسىيەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دېلوسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ۋۇ بوۋاي جورىسى بىلەن ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان، جورىسى بالدۇر قازا قىلغان. ۋۇ بوۋاي ھايات ۋاقتىدا ئىدارىسىدىن ئۈچ يۈرۈش ئۆي ئىلتىماس قىلىپ ئالغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ياتاقلىق بىر يۈرۈش ئۆيدە ئۇ كىچىك ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرغان. قالغان ئىككى يۈرۈش ئۆيدە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بىلەن ئىككىنچى قىزى ئايرىم – ئايرىم ئولتۇرغان. ۋۇ بوۋاي 2013 – يىلى 2 – ئايدا ۋەسىيەتنامە يازغان، ۋەسىيەتنامىدە: مەن ئىلگىرى خوتۇنۇم بىلەن ئولتۇرغان ئۈچ ياتاقلىق يۈرۈشلۈك ئۆيدە كىچىك ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇردۇم. ئۇلار ماڭا ياخشى ۋاپادارلىق قىلدى، مەن قازا قىلغاندىن كېيىن بۇ ئۆينى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قالدۇرۇشنى خالايمەن، باشقا بالىلىرىمغا ئىككى ياتاقلىق ئۆي تەقسىم قىلىپ بەرگەن. ئايرىم ئۆتۈۋاتىدۇ›› دەپ يازغان. كىم بىلسۇن، دەل مۇشۇ بىر ئېغىز سۆز قېرىنداشلار ئارىسىدىكى جېدەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىچىك ئوغلى مۇنداق دەپ قارىغان: دادام ئۈچ ياتاقلىق ئۆينى ماڭا قالدۇردى، باشقا ئىككى يۈرۈش ئۆيدە ئاكام بىلەن ئاچام ئولتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى يەنىلا دادامغا تەۋە بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى يۈرۈش ئۆينىمۇ قانۇنلۇق مىراس بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

   سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ۋۇ بوۋاينىڭ ۋەسىيەتنامىسىدىكى سۆزلەر قانۇندا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن ئاتالغۇلارغا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئۇنى ياشىنىپ قالغان، قانۇن ساۋاتى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قاراپ، ۋەسىيەتنامىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى مۇۋاپىق ئىزاھلاپ، بوۋاينىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئىزاھلاشتىن مەلۇم بولدىكى، بوۋاي ھايات ۋاقتىدا ئولتۇرغان ئۈچ ياتاقلىق ئۆي كىچىك ئوغلۇمغا قالسۇن، باشقا ئىككى يۈرۈش ئۆيگە چوڭ ئوغلۇم ۋە ئىككىنچى قىزىم ۋارىسلىق قىلسۇن دېمەكچى. سوت مەھكىمىسىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا مۇشۇنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم چىقارغان.

   قول بىلەن يازغان ۋەسىيەتنامىنىڭ راستلىقىغا قارىتا گۇمان تۇغۇلغاندا، پوچۇركىسىنى باھالىتىشمۇ ئۈنۈمنى بېكىتىشنىڭ ياخشى چارىسى. دەۋاگەر ۋاڭ خانىم ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ليۇ ئەپەندى بىلەن قايتا نىكاھلىق بولغان بولۇپ، ليۇ ئەپەندى قازا قىلغاندىن كېيىن ليۇ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇنىدىن تۇغۇلغان قىزى ليۇ خانىم سوتقا ئەرز قىلىپ، مىراسنى دادىسىنىڭ قوليازما ۋەسىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ۋاڭ خانىم ليۇ ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەت قالدۇرمىغان، ليۇ خانىمنىڭ قولىدىكى ۋەسىيەتنامە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دەپ تۇرۇۋالغان. ۋاڭ خانىمنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن سوت مەھكىمىسى ۋەسىيەتنامىدىكى ليۇ ئەپەندىنىڭ ئىمزاسىنى تەكشۈرتكەن. لېكىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تاللىغان ئىككى باھالاش ئورگىنى تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتنىڭ مۇناسىپ سېلىشتۇرۇش ماتېرىيالى كەمچىل بولغاچقا، باھالاشقا ئامالسىز قالغان. سوت مەھكىمىسى ئاخىر ‹‹كىم تەشەببۇس قىلسا شۇ ئىسپات كۆرسىتىدۇ›› دېگەن قائىدە بويىچە، ۋاڭ خانىم ۋەسىيەتنامىنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، دەلىل – ئىسپاتنى ئىنكار قىلىدىغان ھېچقانداق دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلمىدى دەپ قاراپ، ۋاڭ خانىمنىڭ ئەرزىنى قوللىمىغان.

   دۆلىتىمىزنىڭ مىراسخورلۇق قانۇنىدا ۋەسىيەتنامىنىڭ شەكلى خىلمۇ خىل بولسا بولىدۇ دېيىلگەن، مەسىلەن، ئۆزى يازغان ۋەسىيەتنامىدىن باشقا، باشقىلارغا يازدۇرغان ۋەسىيەتنامە، ئۈنئالغۇغا ئېلىنغان ۋەسىيەتنامە، ئاغزاكى ۋەسىيەتنامە، جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتنامە قاتارلىقلار. ئۆزى يازغان ۋەسىيەتنامە، باشقىلارغا يازدۇرغان ۋەسىيەتنامىلەر ياشانغانلار كۆپرەك تاللايدىغان ۋەسىيەتنامە شەكلى، بولۇپمۇ، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى كېسەل سەۋەبى تۈپەيلىدىن يېتىپ قالغان ياكى ياشىنىپ ئاجىزلاپ قالغان، ساۋاتسىز قاتارلىق ئەھۋاللاردا، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ مەقسىتى بويىچە ۋەسىيەتنامە يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. لېكىن بۇ خىلدىكى ۋەسىيەتنامىلەردە ‹‹قانۇنلۇق گۇۋاھچى››نىڭ بولۇشى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

   لى يۆپىڭ مۇنداق دېدى: باشقىلارغا يازدۇرىدىغان ۋەسىيەتنامىگە گۇۋاھچىلارنى تاللاشتا بەكرەك ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنى گۇۋاھچى قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ، ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ يېقىنلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، خىزمەتداشلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ يېقىنلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، خىزمەتداشلىرى، قوشنىلىرى قاتارلىق ۋارىسلىق قىلغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىراقراق كىشىلەرنى گۇۋاھچى قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ. شارائىت يار بەرسە، ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئادۋوكاتلارنى گۇۋاھچىلىققا تەكلىپ قىلغان ھەم ۋەسىيەتنامىنى ئارخىپتا قالدۇرغان ياخشى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سوت مەھكىمىلىرى كومپيۇتېردا بېسىلغان ۋەسىيەتنامىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلغان. مەسىلەن، بىر دېلودا ياشانغان كىشى ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەتدىشىنى تەكلىپ قىلىپ ۋەسىيەت يازدۇرغان. بۇ خىزمەتدىشى بوۋاينىڭ مەقسىتىنى كومپيۇتېردا خاتىرىلەپ بېسىپ چىقارغاندىن كېيىن، بوۋاينى قەغەزدىكى ئاق يەرگە ئىمزا قويغۇزغان. لېكىن بۇ ۋەسىيەتنامە ھەم ئۆزى يازغان ۋەسىيەتنامىدىكى يېزىشقا تېگىشلىك مەزمۇن تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەم ۋاكالىتەن يازغۇچى ۋە گۇۋاھچى ئىمزا قويۇش تەلىپىگە ماس كەلمىگەن. شۇڭا سوت مەھكىمىسى بۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ ئۈنۈمىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

   لى يۆپىڭ مۇنداق دېدى: دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىچە ۋەسىيەتنامە شەكىللىرى بارلىققا كەلمەكتە. كۆپەيتىپ چىقىرىلغان ۋەسىيەتنامىنى ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆزى كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ خاتىرىلىگەن، كۆپەيتىپ باسقان ھەم ئىمزا قويۇپ ئېتىراپ قىلغان بولسا، بۇنى ئۆزى يازغان ۋەسىيەتنامە دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ، ئەگەر باشقىلار كومپيۇتېر ئارقىلىق خاتىرىلىگەن ياكى باشقىلارنىڭ ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ كۆپەيتىپ باسقان بولسا، بۇ ۋاكالىتەن يېزىلغان ۋەسىيەتنامىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، يەنى خاتىرىلىگۈچى ياكى ياردەم بېرىپ بېسىپ چىقارغان كىشى بېسىپ چىقىرىلغان ماتېرىيالغا ئىمزا قويۇشى كېرەك، بۇ ئىشتا يەنە باشقا بىر گۇۋاھچىنىڭ نەق مەيداندا گۇۋاھچى بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

   شىچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: ۋەسىيەتنامىنى قانۇن بويىچە يېزىپ، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاشنىڭ تەلىپى. پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەر قانۇن بويىچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىناق ئائىلە مۇناسىۋىتى، ئىناق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.      

‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى