بېشىڭىز پات-پات قايسا ...-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بېشىڭىز پات-پات قايسا ...

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىسمەن رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئائورتا كىلاپانى تولۇق ئېتىلمىگەنلىكتىن، سەللا ھەرىكەت قىلسا ياكى ھارسا بېشى قايىدىكەن. كۆپىنچە كىشى مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە قان بېسىمى ئۆرلىگەنلىكى ياكى تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە ياكى قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن، دەپ گۇمان قىلىپ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ داۋاسى بويىچە كۈتۈنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، يۈرەك ئائورتا كىلاپانىنىڭ تولۇق ئېتىلمەسلىكى يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، توغرا داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلمىغاندا، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

 چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئائورتا كىلاپانى تولۇق ئېتىلمەسلىك ئەھۋالى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسىمۇ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئالامەت كۆرۈلمەيدىغان بولغاچقا، ۋاقتىدا بايقالماي قالىدىكەن، ئۈنۈملۈك داۋالاش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتسە، يۈرەكنىڭ نورمال خىزمەت قىلىش ئۆمرى پەقەت 10 يىلدىن 15 يىلغىچىلا بولىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كەتمەيدىكەن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا، يۈرەكنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ قىسقا بولىدىكەن.

 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى ئائورتا كىلاپانى تولۇق ئېتىلمىگەنلەرنىڭ بەزىلىرىدە جىسمانىي ھەرىكەت قىلسا، ھېرىپ-چارچىسا، باش قېيىش ئالامىتى، يەنە بەزىلىرىدە يۈرەك سېلىش، ئېغىش، مەيدىسى سەۋەبسىز ئاغرىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. 

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى