ئاستا ھەم ئۇزاق ۋاقىت سۇ ئۈزۈش ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى ئىكەن. سۇنىڭ لەيلىتىش رولى بولغانلىقى ئۈچۈن، ياشانغانلار بۇنىڭغا ئانچە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ كەتمەيدىكەن. سۇ ئۈزگەن ۋاقىتتا بوغۇملارنىڭ بەرداشلىق بېرىشى ۋە تارتىش كۈچى يۈگۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭكىدىن كىچىك بولىدىكەن. سۇدىكى ھەرىكەت ئاستا بولسا، ياشانغانلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىمۇ ئاز بولىدىكەن.
ئاستا سۇ ئۈزۈشنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەش رولى بار بولۇپ، سۇ ئۈزگەندە بەدەننى ئۇۋۇلىغاندەك تۇيغۇ بولىدىكەن. مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ، راھەت بېغىشلايدىكەن. بۇ ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى