تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

‹‹كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى›› دىكى يارقىن نۇقتىلار

فېردون پەتتار

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى›› 2011 – يىلى 1 – دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  ‹‹نىزام››دا كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك يارقىن نۇقتىلار بار:

  1. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى.

  ‹‹نىزام››دا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، كېڭىشىشكە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىش ئورگانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى ئۈچ تەرەپنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە تۈرتكە بولۇشى مۇھىم مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە بەلگىلىنىپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە ئىلھام بېرىش ۋە چەكلەپ تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى، يېتەكلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئېنىق بەلگىلەندى.

  2. كېڭىشىش ۋەكىلىنى سايلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ‹‹نىزام››دا كېڭىشىش ۋەكىلىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر كۆرسىتىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنىدا ماقۇللىنىدۇ. كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى دېموكراتىك كۆرسىتىدۇ . كارخانىدىكى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر شۇ كارخانىدىكى ئومۇمىي ئادەمنىڭ %10ىدىن كۆپرەك بولسا، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلى بولىدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلى ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەزگىلدە، كارخانىنىڭ ئۇلارنى باشقا ئىش ئورنىغا يۆتكىۋېتىشىگە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋېتىشىگە ياكى مائاشىنى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا ئىش ئورنىغا يۆتكىمەكچى بولسا، ئاۋۋال كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكرىنى ھەم شۇ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. كارخانىلار كېڭىشىش ۋەكىلىگە مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشتە زۆرۈر بولغان خىزمەت شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى، خىزمەت ۋاقتى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. كېڭىشىش ۋەكىلى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە قاتناشسا، نورمال ئىشلىدى دەپ قارىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  3. كېڭىشىش مەزمۇنى ۋە ئاساسلىرى ئېنىق بەلگىلەندى.

  ‹‹نىزام››دا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش مەزمۇنى، كېڭىشىش ئاساسلىرى ئېنىق بەلگىلىنىپ، بۇ مەزمۇن مائاش تەقسىمات تۈزۈمى، مائاش ئۆلچىمى، مائاش تەقسىمات شەكلى؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى ۋە ئۇنى تەڭشەش سالمىقى؛ 1 – سەپتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش كىرىمى ۋە ئۇنى تەڭشەش سالمىقى؛ مائاش بېرىش چارىسى، قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇل، مۇكاپات پۇلىنى تەقسىم قىلىش چارىسى؛ ۋاقىتقا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش، مىقدارىغا قاراپ ھېسابلىنىدىغان بىرلىك ۋە ئەمگەك نورما ئۆلچىمى؛ پاراۋانلىق تەمىناتى؛ ئارتۇق ئىشلەش مائاشى، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى تەمىناتى، مائاشلىق ئارام مەزگىلىدىكى مائاش تەمىناتى؛ ئايال ئىشچى – خىزمەتچى، مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھاپىزەت تەمىناتى؛ مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش شەرتى ۋە تەرتىپى؛ خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  4. كېڭىشىش تەرتىپى ۋە كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى كونكرېت بەلگىلەندى.

  ‹‹نىزام››دا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش ۋە جاۋاب بېرىش، كېڭىشىش يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى، كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى، ماقۇللىنىشى قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلىنىپ، كېڭىشىشنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن سىستېمىلىق كېڭىشىش تەرتىپى ئەندىزىسى تۇرغۇزۇلدى. مائاش كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ قېلىپلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كارخانىدىن مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئون كۈنگىچە مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنىڭ نۇسخىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەكلىكى، مائاش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئادەتتە بىر يىل بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  5. تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى تۇرغۇزۇلدى.

  ‹‹نىزام››دا كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش ۋە ئادا قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە تەدبىرلىرى ئېنىق بەلگىلىنىپ، بۇ تەدبىرلەر بىۋاسىتە باشقۇرغۇچى ئورگان مۇرەسسە قىلىش، كېسىم ئورگىنى كېسىم قىلىش ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يەنى، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش چاقىرىق قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، ئىككى ئاي ئىچىدە پىكىر بىرلىككە كەلمىگەن بولسا، ئىككى تەرەپ مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مۇرەسسە قىلىپ قويۇشنى باشقۇرۇش ھوقۇق تەۋەلىكى بار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا يازما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مۇرەسسە ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە مۇرەسسە قىلىشنى باشلايدۇ ياكى تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ۋەكىل تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مۇرەسسە قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  6. خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.

  ‹‹نىزام››دا كارخانىلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەر بەلگىلەندى: كارخانىلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كوللېكتىپ كېڭىشىشنى رەت قىلسا ياكى قەستەن كەينىگە سۆرىسە، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى بەرمىسە ياكى ۋاقتىدا، ئەينەن بەرمىسە، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىم نۇسخىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە توسقۇنلۇق قىلسا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئورۇننىڭ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلنىڭ ياكى ئاساسلىق مەسئۇلنىڭ يىللىق ئىلغارلارنى باھالاش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش سالاھىيىتى ۋە شەرەپ نامىنى بىكار قىلىدۇ. كارخانىلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېڭىشىش ۋەكىللىرىنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ تۆۋەنلىتىۋەتسە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئېلىشقا تېگىشلىك مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تولۇقلاپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. كېڭىشىش ۋەكىللىرى بىلەن ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىنى ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ بىكار قىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەمدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان مەزگىلدە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش ھەققىنى تولۇقلاپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. كېڭىشىش ۋەكىللىرى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كارخانىنى ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

  ‹‹نىزام››دا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەر بەلگىلەندى:

  ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش ۋە مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى تۈزۈش جەريانىدا كارخانىنىڭ ئۈسكۈنە، قورال – سايمان قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بۇزۇۋەتسە، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، كاشىلا قىلىش ۋاسىتىسى ياكى كارخانىغا كىرىپ – چىقىدىغان يولنى توسۇپ قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلسا، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە ئالاقىدار خادىملارنى قورقۇتسا، سولاپ قويسا، زورلۇق ئىشلىتىپ زەخىملەندۈرسە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

  ‹‹نىزام››دا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنىڭ قانۇنلۇق بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، تالاش – تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى داۋامىدا، مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى