تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

 ئەھەد مۇھەممىدۇللا

 پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش، پارتىيەمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي خىسلىتى، شۇنداقلا ماركىسىزملىق سىياسىي پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كۆمىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى سىياسىي مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىشنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەسىدە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمى، ئەڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى تولۇق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئەمەلىي قاراتمىلىققا ئىگە.

 بىرىنچى، سىياسى مەدەنىيەت – سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ

 سىياسىي مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ سىياسىي ھەرىكەت ئېڭى ۋە قىممەت ئامىلىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، سىياسىي تونۇش، سىياسىي ھېسسىيات، سىياسىي باھا قاتارلىق ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيىتى بولسا پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىي تۇرمۇشىدا شەكىللەنگەن. بۇ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ مەنىۋى ئامىلى بولغان سىياسىي غايە، سىياسىي ئېتىقاد، سىياسىي ھېسسىيات قاتارلىقلارغا بىۋاسىتە تەسىركۆرسىتىدۇ. سىياسىي مەدەنىيەت تەبىئىي شەكىللەنگەن ئەمەس، بەلكى تەشكىلىي ئەزالارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى مۇرەككەپ ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەنگەن. سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، تەدرىجىي بولۇپ، ئۇ نىسبەتەن تۇراقلىققا ئىگە. شۇڭا، سىياسىي مەدەنىيەت سىياسىي تۇرمۇشنىڭ روھى ھېسابلىنىدۇ، بۇ سىياسىي مەدەنىيەت سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا، سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سىياسىي مەدەنىيەت پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى، پارتىيە تەشكىلاتىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە قىممەت خاھىشى، ھەرىكەت شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. ياخشى بولغان سىياسىي مەدەنىيەت باشتىن – ئاخىر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى ۋە ساداقىتىنى ئۆستۈرىدۇ ھەم ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشىنىشىنى، قوللىشىنى ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىلغار مەدەنىيەتنى ياراتقان، ھەمدە باشتىن – ئاخىر جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ماركىسىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقان ھەم تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇڭا سىياسىي مەدەنىيەت پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى، پارتىيە تەشكىلاتىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى بەلگىلەيدۇ.

 ئىككىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىزچىل ھالدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹يولۋاس››نىمۇ، ‹‹چىۋىن››نىمۇ تولۇق يوقىتىش ئىرادىسىگە كەلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشلاردا قەتئىي بوشاشماي، يېڭى ئۈنۈم، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاتتىق باشقۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ھەممىنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭقۇر قاتلامدىن باشلاپ تۇتۇشىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شەكىل جەھەتتىن تۈزەشكىلا ئەمەس ماھىيەت جەھەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىشىمىزغا ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى ماركسىزملىق مەيدان، ماركسىزملىق كۆز قاراش ۋە ئۇسۇللارنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى، مۇنبەت تۇپرىقى قىلىشىمىز لازىم. ماركسىزملىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى. مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى ماددىغا بولغان تونۇشىمىزدا سەمىمىي بولۇش، دۇرۇس بولۇش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىغا ئىگە ئىلغار ئىدىيەدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.

 پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى دۇرۇس كەيپىيات يارىتىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھازىر بەزى جايلار ۋە بىر قىسىم ئورۇنلاردا ھەر خىل شەكىلدىكى نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت تورلىرى شەكىللىنىپ، ئىستىلى دۇرۇس، ياخشى كادىرلارنى شاللىۋېتىش، ناچارلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش ئەھۋاللىرى ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ خىل خاھىشلار سىياسىي ئېكولوگىيەگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش روھىنىڭ بولۇشىنى، ھوشيار، تېجەشلىك، ئىنتىزامچان بولۇپ، ئۆزىنى تاۋلاشنى، ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇشنى، بايرىقى روشەن ھالدا بەزىبىر بولمىغۇر مۇناسىۋەت تورلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارشى تۇرۇشنى، توغرا، دۇرۇس بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بولسا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىدە چىڭ تۇرۇشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنتىزامدا چىڭ تۇرۇش پۈتۈن پارتىيەمىزدىكىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەرىكىتى ھەم بىردەك ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار مىزان››دا پۈتۈن پارتىيە بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چوقۇم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ‹‹تۆتنى تونۇش ئېڭى>>نى كۈچەيتىشنى بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.

 پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىدىيە جەھەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن تۈزۈم جەھەتتىكى پارتىيەنى تۈزەشنىڭ ئۆزئارا بىردەكلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن <<تۆت چوڭ سىناق>> ، <<تۆت خىل خەتەر>> يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ بولماقتا. پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە خەتەرنى تۈگىتىشتە، ئاۋۋال پارتىيە ئىچىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈمدىن ئىبارەت بۇ قەپەزنى قاتتىق پۇختىلاشتىن ئىبارەت. ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار مىزان››دىمۇ پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى قاتتىقلاشتۇرۇش توغرىسىدا سىستېمىلاشقان ئومۇميۈزلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 نازارەتنى كۈچەيتىش بولسا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تۆۋەن سىزىق كاپالىتى. پارتىيەمىزنىڭ 95 يىللىق بوران – چاپقۇنلۇق مۇساپىنى ئەسلەيدىغان بولساق، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ئەگرى – توقايلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەڭ ئاخىرىدا پارتىيەمىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكى ئېنىق. پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار مىزان››دا، ھازىر پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان مەسىلىلەر تېپىپ چىقىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىش لازىملىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، كارغا كېلىدىغان، خاتالىقتىن مۇداپىئە كۆرىدىغان، خاتالىقنى تۈزىتىدىغان مېخانىزمنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

 پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پۈتۈن پارتىيە قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولغان، ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، ئەستايىدىللىق بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى لازىم.

(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى