مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم

بۈھەجەر مەمەت

 ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، باش نىشاننى چۆرىدەپ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. شۇڭا، بىز ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بىرىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

 مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە ئېھتىياجى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. ھازىر ئاممىنىڭ كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك جەھەتلەردىكى ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېھتىياجى تېخى تولۇق قاندۇرۇلغىنى يوق. چۈنكى، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەت تەركىبى كۆپ، ئاھالىلەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى باشقا ئۆلكە – شەھەرلەرگە سىلېشتۇرغاندا دېگەندەك تەرەققىي قىلمىغان ئەھۋالدا، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باردى – كەلدىسىنى كۆپەيتىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۆز ئارا سىڭىشىش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەھەتلەردە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

 مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىي مەنبەسى. كۈچلۈك زامانىۋى مەدەنىيەت بولمىسا، زامانىۋى دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلىگىلى بولمايدۇ. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغاندا، مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئېچىۋېتىش، بىرلىشىش، چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئېناقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشكە، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كۆۋرۈك. ئۇ ئىلغار مەدەنىيەتنى ئاممىنىڭ ھېسسىيات ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشىدا ئىپادىلەش، ئاممىنى تەربىيەلەش، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى ئۇلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا چىچىشتا ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان يېڭى تەلىپىنى قاندۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋى تىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا ئاساس سالىدۇ.

 مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. مەدەنىيەت ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەنلەندۈرگۈچ كۈچى. ھەر مىللەت ئاممىسىنى ماركسىزملىق مىللەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجىتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئىدىيە ئاساسى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى