قانۇن ئىدارە قىلىش ‹‹ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››دا توختاپ قالمىسۇن-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

قانۇن ئىدارە قىلىش ‹‹ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››دا توختاپ قالمىسۇن

جاڭ سوڭ

 دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى ئاساسىي قاتلامدا. قانۇن ئىدارە قىلىشنى ھەر بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي ئېتىقادىغا ئايلاندۇرۇشتا مۇھىمى ئاساسىي قاتلام ئېكولوگىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››نىڭ راۋان بولۇش – بولماسلىقىغا قاراش كېرەك.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارارى ۋە سالمىقى مىسلىسىز بولىۋاتىدۇ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىن تارتىپ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشقىچە، قانۇن ئىدارە قىلىش ساھەسىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلمەكتە. لېكىن، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشقا بولغان تەسىراتى ھەمىشە ئاساسلىقى، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدىكى ئاساسىي قاتلام ئېكولوگىيەسىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى كىشىلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشقا بولغان باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ئاخىرىدا ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىدۇ، كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، قانۇن ئىدارە قىلىش بۇ ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››دا توختاپ قالسا، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشقا بولغان تونۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ.

 ئادەم ئىدىيەنى باشقۇرىدۇ. قىسمەن رەھبىرىي كادىرلاردا باشلىقلىق ئېڭى ئىدىيەسى تېخى تۈگىتىلمىدى، باشلىقنىڭ سۆزىنى قانۇن دەپ بىلىدىغان، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى باسىدىغان ئەھۋال ھېلىمۇ مەۋجۇت. بۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ‹‹قانۇننىڭ ھوقۇقتىن ئۈستۈن››تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىدىن مۇشۇنداق بولغانمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرى ‹‹قانۇننىڭ ھوقۇقتىن ئۈستۈن››تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ.

 ئەمەلىيەت جەريانىدا، بەزىلەرنىڭ بۇنداق ئۆزكۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇش باھانىسى ۋە سەۋەبى خېلىلا كۆپ. بەزىلەر ھەممىسى يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىش قىلغاندا چەكلىمە بەك كۆپ بولغاچقا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قىيىن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ ئاقىۋەتتە زور بەدەل تۆلەيدۇ. بەزىلەر قانۇن ئىدارە قىلىشنى پەقەت ئېغىزدىكىلا گەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قانۇن ۋە سىياسەت تۆۋەن چېكىدىن ھالقىغان قىلمىشلار پەيدا قىلغان مەسىلىلەر ھەمىشە ھەل قىلىنغان مەسىلىلەردىن كۆپ بولىدۇ. يەنە بەزىلەر: جۇڭگو قەدىمدىنلا ئادەمگەرچىلىكنى ئادەت قىلغان جەمئىيەت، ئىزچىل مۇشۇنداق بولىدۇ، دېگەندەك خاتا ئىدىيە ئارقىلىق ئۆزىنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرماي، ئەكسىچە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، نەتىجىدە، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى يامان ئاقىۋەتكە قويىدۇ.

 ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك، بۇ ئەسلىدە بىر ياخشى ئىش. لېكىن، قانۇن ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە ياخشى پىلان، كەلگۈسى پىلان ياخشى تۈزۈلمىسە، مېغىزىنى تاشلاپ شاكىلىغا ئېسىلىۋالىدىغان خاتالىق سادىر بولىدۇ. يېقىندا جەمئىيەتتە مۇنازىرە بولىنىۋاتقان سودا مۇھىتىنى مىسالغا ئالساق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ قېلىپلاشقانلىقىنى بايقىيالايمىز. بازار ئىگىلىكى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىگىلىك، ئاشۇ سودا مۇھىتى ناچار جايلارنىڭ ئىقتىسادى ھاياتىي كۈچى پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىي قاتلامدا ھەرگىز ئاتالمىش ‹‹قۇرۇق تەدبىر›› ئەمەس.

 مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى، مەنبە خاراكتېرلىك، ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيىتى ئاخىرىدا ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلى ئارقىلىق زىددىيەتنى پەسەيتىش كېرەكمۇ ياكى قانۇن ئىدارە قىلماسلىق ئارقىلىق زىددىيەتنى كۈچەيتىش كېرەكمۇ؟ بۇ بىر ناھايىتى ئېنىق تاللاشتۇر. ھازىرنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، يەنە كەلگۈسىنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىدارە قىلىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش ئۇزاق مۇددەت، قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا موھتاج چوڭ قۇرۇلۇش بولۇپ، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.

<<خەلق گېزىتى>>دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى