مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانداق مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانداق مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟

بەي جۈنلى

 يېڭى ۋەزىيەتتە، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

 بىرىنچى، باش تېما پائالىيىتى ئارقىلىق تەشۋىقات، تەربىيەنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ مۇھىتى، كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش كېرەك

 ھەر مىللەت كادىرلىرى، كەنت، مەھەللە ئاھالىلىرى، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دىنىي زاتلار قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكىتلارغا قارىتا، تەشۋىقات – تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىدارە، مەھەللىدىكى ئائىلىلەر، مەكتەپ، جەمئىيەت››تىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن تەشۋىقات، تەربىيە بازىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. ئىدارە، ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار شۇجى چېن چۈەنگونىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قويغان ‹‹توققۇز تۈرلۈك تەلىپى››نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى››نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى قاتارلىقلارنى پۇختا ئىگىلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدىكى ئۈلگىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەھەللە ئاھالىلىرىگە قارىتا، مەۋقەنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىگە قارىتىپ، ‹‹پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇش›› پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىشنى ئولتۇراقلىشىش، تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، كۆڭۈل ئېچىش، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھالقىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، دوستانە بېرىش – كېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەر مىللەت ئاھالىلىرىگە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈش، بىر نىيەتتە بولۇش، ئىناق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى مىللەت ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەرگە قارىتا ‹‹ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا سىغدۇرۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش››تەلىپىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹ئوخشاش بىر ناخشىنى ئېيتىش، ئوخشاش بىر دەرسنى ئۆتۈش، ئوخشاش بىر مۇھىتنى بەرپا قىلىش، ئوخشاش بىر قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش، ئوخشاش بىر ئۇسۇلنى قوللىنىش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جەمئىيەتكە قارىتا دىنىي زاتلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ قىممىتى، ئىدىيەسىنى كەڭ دائىرىلىك تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، ‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ئاپەت›› دەيدىغان قائىدىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە، كۆزىنى چوڭ ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ‹‹بىر قورغان››نى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

 ئىككىنچى، ئىلغار ئورۇن، شەخس بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك

 بىرىنچىدىن، مەدەنىيەت بازىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىغا تايىنىپ، شىنجاڭ مىللىي كىيىم – كېچەك كۆرگەزمىسى، مەشرەپ مەيدان ئۇسسۇل مۇسابىقىسى قاتارلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى ئوخشاش سەھنىدە مۇسابىقىلەشتۈرۈپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسىنى ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان ‹‹ماگنىت››قا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ياردەملىشىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى بويىچە بازا قۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تەسىرى زور، خاسلىققا ئىگە پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىش بازىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئىككىنچىدىن، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، پائالىيەتنى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ۋاسىتە ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدىيە، ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ‹‹قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش›› نىشانىنى ئىدىيە، مەدەنىيەت، تېخنىكا قاتارلىق كۆپ ساھە بويىچە ‹‹تۇغقان بولۇش››قا كېڭەيتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ‹‹قوشماقلىشىپ تۇغقان بولىدىغان›› ئەزالار، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى ئەۋزەل بايلىقىنى قېزىپ، ‹‹قوشماقلاشقان›› ئوبيېكىتلار ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىنى توغرا تېپىپ، ‹‹قوشماقلىشىپ توغقان بولۇش››نى دەل جايىدا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ئۈچىنچى، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ دائىم قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

 ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش تېزلا ئۈنۈم بېرىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ بوشاشماي ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان خىزمەت، بۇنىڭدا يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ قوللىشىغا ۋە ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا گىرەلىشىپ كەتكەن، قاتلاملىرى ئېنىق خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تورغا كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئىجتىمائىي خىزمەت تەشكىلاتلىرى، تۈرلۈك جەمئىيەت(پىدائىيلار) ۋە ئەل ئارىسىدىكى ئاكتىپلارنى قاتنىشىشقا تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ ئاساستا ‹‹ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر قوللايدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزە›› شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. قەرەللىك ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ‹‹قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان››لارنى قەرەللىك ھالدا ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىشقا تەشكىللەپ، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ، پائالىيەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

 ئىدىيە، ئۇسۇلدىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ۋە كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ۋە كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى چوڭقۇر قېزىپ، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ھەم ئوخشاش بولمىغان جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ‹‹تىپلار يېتەكلەيدىغان، تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان›› ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەندىلا، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى