باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتايلى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتايلى

ــ ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاپتورلارغا چىقارغان تەشەببۇسنامىسى

   گۈزەل تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى سەپلەردە جاپالىق ئىشلەۋاتقان تۆھپىكار يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەر، ياخشىمۇ سىلەر! دىيارىمىز ئەدەبىياتىنىڭ ئانا بۆشۈكى، سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن مۇنبىرى بولغان ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى سىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيدۇ.

    ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتكە دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، دەۋر روھى ۋە باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق، جامائەت پىكرى يۆنىلىشى توغرا بىر تۈركۈم سەر خىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ كەلدى. ھەممىمىزگە ئايانكى، ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئىلغار ئىدىيەلىك ئاپتورلار قوشۇنى زىچ ئۇيۇشقان. ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى ئەزەلدىن ئاپتورلار قوشۇنىنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارنىڭ رولى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى دەپ قاراپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى جىددىي بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ ژۇرنالدىكى خادىملار كۈتۈپ تۇرماي، مەركىزىي نۇقتىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

    تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى. يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولسا، گۈزەل شىنجاڭ ۋە سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولمىغان بولاتتى. كونىلاردا ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما›› دېگەن ھېكمەت بار. شۇڭا شىنجاڭدىكى بارلىق يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەر ئالدى بىلەن شەرەپلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھمەت ئېيتىشىمىز ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

    ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت فاڭجېنى ۋە پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، توغرا ئەدەبىيات – سەنئەت يۆنىلىشى ۋە ژۇرنال چىقىرىش مەقسىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئۇسلۇبى كۆپ خىل، ژانىر دائىرىسى كەڭ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن يىلتىزلانغان، خەلق ئاممىسىنىڭ روھىي قىياپىتى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن زور بىر تۈركۈم ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ‹‹تارىم››دىن ئىبارەت بۇ ئانا ژۇرنالنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئاپتورلار قوشۇنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر كومپارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈپ، ھەر قايسى تارىخىي شارائىتتا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا ئاكتىۋال رول ئويناپ كەلدى. ئۇلار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئىچىدە قەلەم تەۋرىتىپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە بەدىئىي ئۆلچەمگە تويۇنغان ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ روھىغا زور ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.

    ‹‹ئەدەبىيات – سەنئەت دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بۇرغىسى، ئۇ دەۋر قىياپىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ، بىر دەۋر كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ››. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتى بەدىئىي ئامىلدىن باشقا، سىياسىيۋىلىققا، دەۋرچانلىققا ۋە رېئالىزملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ پاراۋۇزلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى، ئەلۋەتتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 10 – قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ‹‹مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش؛ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق خەلقنى مەدھىيەلەش؛ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كامالەتكە يەتكەن سەنئەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سەنئەت غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش››تىن ئىبارەت ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرىدىن كۈتىدىغان تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىبلىنەما خاراكتېرلىك نىشان ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەر باش شۇجىنىڭ تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىدە يېتەرلىك سىياسىي نەزەرىيەۋى ساپا ھازىرلىشى زۆرۈر.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ جان تومۇرى دۆلەتنىڭ جان تومۇرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن›› دېگەن كۆرسەتمىسى بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ھەر قانداق بىر يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. چۈنكى شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش دۆلەتنىڭ تەقدىرى ۋە دۆلەتنىڭ جان تومۇرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. جۈملىدىن ھەر قانداق بىر يازغۇچى، شائىر، ئەدىب بۇ جەھەتتە تاغدەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقىدەك ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي ۋەزىيىتىدە شىنجاڭدىكى يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەر ئەزەلدىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىپ، دەۋر روھى بىلەن تويۇنغان نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەشتە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى شىنجاڭدىكى يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەشتە سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىشنى ‹‹ئۆزى››دىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشقا چاقىرىدۇ.

    نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، بۇ بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەم ئەلەمگە، ھەم قەلەمگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا شىنجاڭدىكى كەڭ يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەر يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە شان – شەرەپ تۇيغۇسى ئىچىدە قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، كومپارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى ئۇلۇغلايدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى كۈچەپ تەرغىب قىلىدىغان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدىغان ۋە ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىدىغان، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرالايدىغان، دەۋر روھىنى مەدھىيەلەيدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ساپ مەنىۋى مۇھىت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەكىتلەيدىغان، ئىجتىمائىي رېئاللىق پۇرىقى كۈچلۈك، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، مەزمۇنى ئىلغار، شەكلى رەڭدار، ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشقا ئاتلىنىشى كېرەك.

    ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭدىكى يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلەر چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، پۈتۈن كۈچى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا، شۇنداقلا ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ. ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ چاقىرىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يازغۇچىغا خاس پەزىلىتىنى نامايان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى