تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى ئاساسىنى پۇختىلايلى

خې ۋېيچاڭ

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى دەل ‹‹ئۆگىنىش››تە. شۇڭا ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۆگىنىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

 ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى

 پارتىيەمىز ئەزەلدىنلا پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە.

 ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەردىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەر پارتىيەمىزدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم پۈتۈن پارتىيەدە سىجىل ئۆگىنىش – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشنى دائىملاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا ئۆگىنىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى ھەم ‹‹ئۆگىنىش›› نى ئاساس قىلىشنىڭ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشى كېرەككى، چوڭقۇر، بېرىلىپ ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتقىلى؛ خەلقنىڭ مەيدانىدا پۇت تىرەپ تۇرغىلى، ئىستىلنى ئاڭلىق ياخشىلىغىلى بولىدۇ ھەم ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگىلى؛ ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ياخشى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش كېرەك

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاجايىپ نەزەرىيە جاسارىتى، يۈكسەك سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى، قەيسەر مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن، دەۋر يۆنىلىشىنى توغرا كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى تەلەپلىرىگە مەزمۇنلۇق جاۋاب بېرىپ، خەلقنىڭ يېڭى تەقەززاسىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئېلان قىلىشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. شۇنداقلا ھازىرقى ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان جانلىق ماركسىزم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق خەلقچىللىق مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى – نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

 ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان››نىڭ، ‹‹پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››نىڭ ئاساسىي تەلىپى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئارقىلىق سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش››تۈپ تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم يېتەكچى ۋە تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 ئۆگىنىشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئۇنى قوللىنىشتا. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىشى خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇشتا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە›› دەپ كۆرسەتتى. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشتا، ئىدىيە جەھەتتە ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشقا تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 بىرىنچىدىن، ئىدىيە جەھەتتە ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ياخشى ئۆگىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، قىزىقىپ ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنى ئۆگىنىشكە، ئۆگىنىشنى خىزمەتكە سىڭدۈرۈشى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىشنى بىر خىل سىياسىي مەسئۇلىيەت، بىر خىل مەنىۋى ئىنتىلىش ۋە بىر خىل تۇرمۇش شەكلى قىلىشى كېرەك.

 ئىككىنچىدىن، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى خىزمەتلەرنى پىلانلاش تەپەككۇرى، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

 ئۈچىنچىدىن، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئۆگىنىش، ئەسلىي نۇسخىنى ئوقۇش، ئۇنىڭدىكى قائىدە – پىرىنسىپلارنى چۈشىنىش، پىششىق ئوقۇش، تەپسىلىي ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرگىلى، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنى ئىگىلىگىلى، مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرگىلى ۋە ئۆگىنىشتىن نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەتراپلىق ئىگىلەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقا ئىشلارنىمۇ بىلىپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئۆگىنىشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنى ھازىرقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش، ئىلگىرىلىتىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

 تۆتىنچىدىن، ئۆگىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشچان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› قاتارلىق ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ۋە سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش – تەربىيەلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۆگىنىش – تەربىيەلەشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش – تەربىيەلەشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئىلمىي باھالاش، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى باھالاش – پايدىلىنىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبەرلەر، كادىرلارنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان تۈزۈم يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

 قىسقىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشتە، ھەم سۆزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ھەم سۆزدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىشتەك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى تېخىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى