تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرايلى

    دەي مۇسەي

يولداش شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 37 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى:<<ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى ياخشى يەكۈنلەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى تۈپ تەدبىر قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈگۈزۈشىدىكى تۈپ شەكىل قىلىپ بېكىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىنى تېپىپ چىقتۇق. بۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت>>. بىز قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەستايىدىل ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئەقىل – پاراسەت تېپىپ، ئوزۇق ئېلىپ، بىر قولدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، يەنە بىر قولدا ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بىلەن ئەخلاقنى بىر – بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ۋە بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

    قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك

    قانۇن – يازما ئەخلاق، ئەخلاق – دىلدا ساقلانغان قانۇن. قانۇننى يولغا قويۇشتا ئەخلاقتىن ئايرىغىلى بولمايدۇ، ئەخلاقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىمۇ قانۇننىڭ چەكلەش رولىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ ھەم ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى دىئالېكتىكىلىق بىرلىك مۇناسىۋەت.

    ھەر قانداق قانۇننىڭ مۇئەييەن ئەخلاق خاسلىقى بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: <<قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەخلاق سىڭدۈرۈلگەندىلا، ئاندىن ئەخلاقنى ئىشەنچلىك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. قانۇن – نىزاملاردا ئەخلاق يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە ھەققانىي ئىشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشتە سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى ياخشى قانۇن بولۇش، ياخشى ئىدارە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك>>. قانۇنلارغا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قىممەت يۆنىلىشى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى مۇجەسسەملەنگەن، قانۇنغا رىئايە قىلغانلىق ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئەخلاققا رىئايە قىلغانلىق. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق قانۇننىڭ مۇئەييەن ئەخلاق خاسلىقى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى ياخشى قانۇن بولۇش، ياخشى ئىدارە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشمۇ مۇكەممەل قانۇن بويىچە ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭمۇ تەبىئىي ھالدا ئەخلاق خاسلىقىنى سىڭدۈرۈش كېرەك.

    ئەخلاق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئادىمىيەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى:<<ئەخلاقنىڭ تەربىيەلەپ تەسىرلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئادىمىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك>>. تۈزۈمنى ئادەم ئىجرا قىلىدۇ، ياخشى تۈزۈم ئۆزلۈكىدىن رېئاللىققا ئايلانمايدۇ. ئەخلاق ئېڭى ۋە ئەخلاق تۇيغۇسىنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدىلا، كىشىلەر ئاندىن قانۇن ئىدارە قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزالايدۇ ۋە كۈچەيتەلەيدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىش ئېتىقادى قانۇن ئىدارە قىلىش ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەت قارىشىنى يۈكسەك دەرىجىدە قۇۋۋەتلەيدىغان پىسخىك مېخانىزم، ئۇ كىشىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى بويىچە ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. قانۇن بولسا قاتتىق چەكلىمە، ئەخلاق بولسا يۇمشاق چەكلىمە، بىرى تاشقى چەكلىمە، يەنە بىرى ئىچكى چەكلىمە، مەجبۇرىي تېڭىلغان تاشقى چەكلىمىلەر كىشىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەخلاق بولسا تاشقى قانۇن – قائىدىلەرنى ئىچكى چەكلىمىگە ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئۆزلۈكىدىن بىلىشىگە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئەخلاقىي ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان بولىدۇ؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئاندىن پۇختا ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.

    قانۇن بىلەن ئەخلاق مۇئەييەن تارىخىي مەدەنىيەت شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى مەنبە قىلىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشى، جەمئىيەتنىڭ راۋاج تېپىشى قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قانۇن بىلەن ئەخلاق بىر – بىرىگە سىڭىدۇ. بەزى ئەخلاق قائىدىلىرى قانۇن قائىدىسىگە سىڭگەن، بۇ ئەخلاقلىقنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى دېيىلىدۇ، بەزى قانۇن قائىدىلىرى ئەخلاققا سىڭگەن. بۇ قانۇننىڭ ئەخلاققا ئايلىنىشى دېيىلىدۇ. بۇ قانۇن بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا ئۆزگەرمەس چېگرا يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ قوش يۆنىلىشتە ‹‹ئايلىنىشى››دىكى مەقسەت شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈندۇر. مەسىلەن: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سەمىمىيەت پىرىنسىپى ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئەخلاقىي تەلىپىدىن تەدرىجىي مۇھىم قانۇن پىرىنسىپىغا ئايلاندى.

    قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

    يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش كېرەك. بۇ ھەم تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى ھەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىنى پۇختا ئىگىلەش ھېسابلىنىدۇ. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھارۋىنىڭ ئىككى چاقى، قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدۇ، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ كۈچىنى تەڭ جارى قىلدۇرۇشقا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

    قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئەخلاقتىن ئوزۇق ئېلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: <<ئەخلاق سىستېمىسىدا قانۇن ئىدارە قىلىش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەخلاقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشتا ئوزۇق بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئەخلاق سىستېمىسىنى سوتسىيالىستىك قانۇن قائىدىلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قىلىش كېرەك>>. نەچچە مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مول ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بايلىقىنى، شۇنداقلا مول قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇلار سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنىڭ مۇھىم ئوزۇق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرىنى قېزىپ، يېڭى دەۋر ۋە شارائىتتا ئۇنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە كىشىلىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قائىدە ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈم روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ياخشى ئادەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ،كىشىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كەسىپ ئەخلاق ئۆلچىمى، جايلارنىڭ شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، يېزا قائىدىسى ۋە ئاھالە ئەھدىنامىسى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى قاتارلىق ھەرىكەت مىزانلىرىدا قانۇننى ھۆرمەتلەش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، گەۋدىلەندۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى ۋە ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىق››لارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن توغرا يولدا مېڭىپ، دۇرۇس ئىش قىلىپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇننى ھۆرمەتلىشى ۋە ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇندىن پايدىلىنىشى كېرەك. ھازىر قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دەۋر، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان – چىقمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنىڭ بار – يوقلۇقى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان – ھازىرلىمىغانلىقى ۋە قانۇن بويىچە ئىش قىلالايدىغان – قىلالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ھوقۇقىنى قەتئى ئېغىشماي ئامما ئۈچۈن يۈرگۈزگەندە، قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە، پاك يۈرگۈزگەندە، ئاندىن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى يۈكسەك سىياسىي ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈشىگە، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى ۋە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەھبىرىي كادىرلار ئەخلاق جەھەتتە ئۆزىگە يۇقىرى ئۆلچەمدە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ناتوغرا ئىستىللارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئەخلاق بىلەن ئۆزىنى تەربىيەلەپ، ئەخلاق بىلەن ئىناۋىتىنى تىكلەپ، ئەخلاق بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك.

    <<خەلق گېزىتى>>دىن قىسقارتىپ ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى