يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى بەزىبىر غەيرىي ئۆڭكۈرلەر مىھمانخانا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى ھەشەمەتلىشىپ كەتكەن. ئامېرىكىنىڭ ئاركانزاس ئىشتاتىدىكى بېكخام ئۆڭكۈر مېھمانخانىسى تەبىئىي غار ئىچىنى ئۆزگەرتىشتىن كېيىنكى ھاسىلات بولۇپ، بۇ مىھمانخانا ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىكەن. بۇ مېھمانخانىدىكى ياتاقلارنىڭ بىر كۈنلۈك باھاسى 1200 دوللار (تەخمىنەن 8100 يۈەن) ئىكەن، بۇ مېھمانخانىدا يەنە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئاركانزاس ئىشتاتىدىكى بېكخام ئۆڭكۈرى
مۇھەررىر:
زۇلخۇمار ئوسمان
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2017/10/10 16:09
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.