‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى››نى تۈزۈپ چىقىش باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى››نى تۈزۈپ چىقىش باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى

مۇخبىرىمىز ئاينۇر ئابلىمىت

 ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 – يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى››(تۆۋەندە ‹‹نىزام››دەپ ئېلىندى) ماقۇللىنىپ، 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇرېھىم ئابلىز بۇ ‹‹نىزام››نى چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بارلىق خىزمەتلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، شۇڭا، بۇ ‹‹نىزام››نى تۈزۈش باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ، شۇنداقلا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى تۇنجى يەرلىك نىزام، شۇنداقلا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى مۇھىم نىزام ھېسابلىنىدۇ. بۇ ‹‹نىزام››نىڭ تۈزۈلۈشى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

 ئاپتونوم رايونىمىز مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ، ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھەر ساھەدىن، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن قايتا – قايتا پىكىر ئېلىپ، كۆپ قېتىم قاراپ چىقىپ ۋە تۈزىتىپ، ئاخىرى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش دائىرىسىگە، قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە دائىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولىغا سالىدىغان بۇ ‹‹نىزام››نى تۈزۈپ چىقىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 ئابدۇرېھىم ئابلىز ‹‹نىزام››دا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نۇقتىلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ‹‹نىزام›› يەتتە باب، 50 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەسەبىيلىكنىڭ ئاساسىي ئىپادىسى كۆرسىتىلىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە تۈگىتىشتىكى كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى قانۇنىي جاۋابكارلىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ‹‹كامالەت›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ئالىمجان ئەمەت مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملاردىمۇ بەلگىلىك دائىرىدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار مەزمۇنلار بار. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر ئېلان قىلغان ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئالىمجان ئەمەت مۇنداق دېدى: بۇ ‹‹نىزام››دا قايسى خىل قىلمىشنىڭ ئەسەبىيلىككە كىرىدىغانلىقى، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە قانداق مەسئۇلىيىتى بارلىقى ھەم مۇشۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارنىڭ قانداق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە تولۇق ئېنىقلىما بېرىلدى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ‹‹نىزام››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىنى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى، ھەر بىر پۇقرانىڭ گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتتە ‹‹نىزام››دىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ، ‹‹نىزام››نى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى