ئىستىلنى ياخشىلاشتا ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇش ئاچقۇچ-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ئىستىلنى ياخشىلاشتا ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇش ئاچقۇچ

گېڭ دوۋېن

 ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ‹‹ئىستىلنى ياخشىلاشتا››. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنى چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قاتتىق تۈزەپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش››نى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، ئىستىل مەسىلىسى ئەلرايىنى مايىل قىلىش – قىلالماسلىققا ۋە پارتىيەنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

 ئىستىل مەسىلىسىنىڭ يادروسى پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدۇر، ئۇنىڭ نېگىزى پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاشتىن ئىبارەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى ‹‹ئامما رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى، يۈرۈش – تۇرۇشىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. كادىرلار ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىسە، ئامما ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ، ھىمايە قىلىدۇ، ئەگىشىدۇ؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولماي، راھەت – پاراغەتكە بېرىلسە، ئامما ئۇلاردىن قاتتىق يىرگىنىدۇ، قارشى تۇرىدۇ، يىراقلىشىدۇ››. ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىستىل مەسىلىسىگە ھەرقانداق ۋاقىتتا سەل قارىسا بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى جەزمەن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇشى ۋە ئىگىلەش كېرەك.

 ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار خەلقنى سۆيۈپ، خەلقنى كۆزلەپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى باشتىن – ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئاممىنى خوجايىنى، ئۇرۇق – تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئوي – پىكرى ۋە ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، ئەلرايىغا باقىدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك››. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش››مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ‹‹ئىستىلنى ياخشىلاش››نى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى تەكىتلەشنى قارار قىلدى، بۇ پارتىيەنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ۋە كونكرېت تەدبىرى قوللانغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلىغاندىلا، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلىغىلى؛ ئاكتىپ كۈچ مەنبەسىنى قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتقىلى، زېھنى ۋە كۈچىنى مۇجەمسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 ئىككىنچى، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نىڭ زىيىنى ۋە مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كېرەك

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىستىلى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى. لېكىن ، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا يەنىلا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى، يەنى شەكىلۋازلىق ، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ئىبارەت ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە كاززاپلىق، رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، ئەستايىدىل بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ‹‹تۆت كەيپىيات››نىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويساق، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يېتىپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولىدۇ.

 ئىستىل مەسىلىسى ھەرگىزمۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس. ئاممىنىڭ پارتىيەنى ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى پارتىيەگە بولغان تونۇشى ۋە ھۆكۈمىگە باغلىق. ھالبۇكى، پارتىيە ئىستىلى ئاممىنىڭ پارتىيەنى تونۇشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئوبرازلىق بەلگە، ئاممىنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش – ماڭماسلىقىدىكى تۈپ ئاساسلارنىڭ بىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى ‹‹ئەگەر ناچار ئىستىل قەتئىي تۈزىتىلمەي، مەيلىگە قويۇۋېتىلسە، خۇددى كۆرۈنمەس تامدەك پارتىيە بىلەن ئامما ئايرىۋېتىلىپ، پارتىيەمىز ئاساستىن، جان تومۇردىن، كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ››.

 ئىستىل مەسىلىسى ماھىيەتتە پارتىيەۋىلىك مەسىلىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى ‹‹ئىستىل مەسىلىسىدە پارتىيەۋىلىك ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، پارتىيەۋىلىكنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم ئومۇم بىلەن شەخسكە قانداق مۇئامىلە قىلىشتۇر. <ئومۇم> بىلەن <شەخس>كە تۇتقان پوزىتسىيە دەل پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ <مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن>دېگەن پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى>>. پاكىتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇلنى چىڭىتىپ، ئاساسنى كۈچەيتىشتە، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەڭگۈ خەلقنى ئويلاپ، مەڭگۈ ئاق كۆڭۈل بولۇشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىقلا، ئاز كۈچ بىلەن زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

 ئۈچىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك

 ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىدىكى ئىستىلنى ياخشىلاش ئاچقۇچىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كەڭ پىكىر ئېلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى چۈشىنىش؛ مەسىلىنى توغرا بايقاش، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى توغرا تېپىش؛ كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، ئەستايىدىل ياخشى تۈزىتىش؛ قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ توغرا كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنى تىكلەش كېرەك. ئومۇمەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

 بىرىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپكە سېلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىل 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى ‹‹گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسىي تۇتقا قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك>>. ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام›› بىزنىڭ ئىستىلنى ياخشىلىشىمىزدا كېسەلنى كۆرسىتىپ، رېتسېپ يېزىپ بەردى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەدبىرى تۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام››نى ئۆلچەم قېلىپ، قايتا – قايتا ئۆگىنىپ، قايتا – قايتا پىكىر يۈرگۈزۈپ، قايتا – قايتا سېلىشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تۈزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى بىر – بىرلەپ كۆرسىتىپ، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈرمۇتۈر چىڭ تۇتۇپ، دەرھال ئۆزگەرتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپكە سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ئىككىنچى، رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش ئاكتىپ كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى قىياپەتكە كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى ‹‹بۇ يەردە ئولتۇرغانلار ياخشى باشلامچى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ياخشى ئوبراز تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››. ئاپتونوم رايون ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› پائالىيىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 ئۈچىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى جەزمەن بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› نى تۈگىتىشتە جەزمەن ‹‹دائىم تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇش›› كېرەك. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹ تۆت كەيپىيات›› مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قېزىش، ئىنچىكە تەكشۈرۈش؛ پائالىيەتنى ئاشكارا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ھەممە يەرنى نازارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ‹‹تەلەپچان››بولۇش روھى ۋە ‹‹راستچىل›› بولۇش ئىستىلىنى خىزمەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۇزاققىچە تۇتۇشتا، مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم كۆرىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قائىدىنى، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قەپىزىنى پۇختىلاپ، تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇقنى، ئىشنى، ئادەمنى باشقۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى