مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز

گو تەيشەن

 بۇ يىل ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان سۆزى ئىخچام، چوڭقۇر، مەزمۇنلۇق بولۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى يەنىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم رېئال ۋە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: .1 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئوخشىمىغان مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئالاقە باغلىشىدىكى ئىناق، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەملىشىش، ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتى ۋە ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. .2 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە يادرولۇق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. .3 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ راۋاجلىنىپ ئىلگىرىلىشىدىكى زۆرۈر ئالدىنقى شەرت، ئۇ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشنى كۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم پىرىنسىپلىرى بار.

  ئىككىنچى، تارىخ ۋە رېئاللىق كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ

 1.شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

 2. شىنجاڭ ئەزەلدىن مەملىكىتىمىزدىكى كۆپ مىللەت ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان ماكان.

 3. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى. شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى قوغدايدۇ.

 4. 1949 – يىلى شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە، مەركەز ئىككى قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى.

 5. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىش، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى پۈتكۈل دۆلەت ۋە جۇڭخۇا مىللىتى گۈللىنىپ راۋاجلانغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدىلا روياپقا چىقىدۇ؛ ئوخشاشلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق راۋاجلىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ۋە دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

 6.ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ تەخىرسىز ئارزۇسى.

 ئۈچىنچى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش›› مەيدانى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك

 باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش››تىن ئىبارەت ئۈچ نەقىلنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مۇھىملىقىنى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى يىغىنچاقلىغان. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش››تىكى مەيدانىمىز ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ماركسىزملىق مەيدان، ماركسزملىق قاراش ۋە ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى مەركەز قىلىش.

 تۆتىنچى، ماددىي كۈچ بىلەن مەنىۋى كۈچنى بىرلەشتۈرۈش

 ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ياخشىلىغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىمۇ دەل شۇنداق.

 ئاپتونوم رايونىمىز ئىزچىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن، ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلاردىن باشلاشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈرلۈك سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇردى. كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چېچىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخ سۈرگۈزۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدۇرۇش كېرەك.

 ئەلۋەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەنىۋى كۈچ ۋە ماددىي كۈچنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە تايىنىشىمىز، ھەر ئىككىلىسىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. مىللىي رايوندىكى ھەر خىل زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئىقتىساد بىلەن باغلىنىشلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر قاتار تەرەققىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى 5 – ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، دەپ تەكىتلىگەن.

 بەشىنچى، ئويلىنىش ۋە تەۋسىيە

 مىللەت، دىن مەسىلىسىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى، ئىچكى – تاشقى مەسىلىلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ مۇرەككەپلىشىشى سەۋەبىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرى ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

1. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگوچە مىللەت، دىن نەزەرىيەسى، مىللەت، دىن سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىزدىنىش جەريانىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى خىزمىتىنى مۇستەھكەم نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە قىلىش كېرەك.

2. شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى غايەت زور نەتىجىلەرنى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئىشەنچى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدە ئېڭى ۋە ئىنتىلىشچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

3. شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان مەسىلىنىڭ يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى توغرا ئىگىلەپ، كەلگۈسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى بېكىتىشنى ئىشەنچلىك ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

4.ئىشەنچلىك، تىرەكلىك، كارغا كېلىدىغان كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قاتارلىق تايانچ قوشۇننى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تايانچ كۈچ تاۋلاپ چىقىشىمىز، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى