تەتقىقاتچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دائىم سول مۈرە ئاغرىسا، بۇ يۈرەك سانجىقىدىن بېشارەت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يۈرەك سانجىقى يۈرەكتىكى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى قان تومۇرنىڭ تارىيىشى سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ. ئادەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغانلار تۇيۇقسىز ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ھاياجانلانغاندا بۇ كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا مېڭە بېسىمى ئېشىش، سول مۈرىدىن بويۇنغىچە قاتتىق ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مەيدە ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ناۋادا بۇ ئالامەتلەر دائىم كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى