تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە ئەرلەر 32 ياشقا، ئاياللار 28 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ بەدىنىدىكى كالتسىي مىقدارى يىلىغا %0.1تىن %0.5 كىچە سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ ماڭىدىكەن، 60 ياشقا كىرگەندە %50 كالتسىي ئازىيىپ كېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇنداقتا چوڭلار قايسى ياش باسقۇچىدا كالتسىي تولۇقلىسا ئەڭ مۇۋاپىق؟
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 30 ياش ئەتراپىدا كالتسىي تولۇقلىغاندا، مىنېرال ماددىلارنىڭ سۆڭەكتىكى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن، 35 ياشتىن كېيىن ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ماڭىدىكەن، شۇڭا 30 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ۋاقىت كالتسىي تولۇقلاشقا ئەڭ باب كېلىدىكەن، يەنى بىر كىشى كۈنىگە 800 مىللىگىرام كالتسىي تولۇقلىسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. سۈت، قۇرۇق مېۋە، كۆكتات، پۇرچاق قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە، كالتسىي تولۇقلاش مەقسىتىگە ئاسانلا يەتكىلى بولىدىكەن.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى