تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئاچقۇچى

    ئەھەد مۇھەممىدۇللا

باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: ‹‹پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن .

ھازىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەل ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىشتۇر. باش نىشانغا يېتىشتە چوقۇم ھەر مىللەت ئاممىسىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بولسا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ھەم باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئاچقۇچى.

دۆلىتىمىزدە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدا غايە ۋە نىشان بولمىسا بولمايدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكلىشى بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››مۇ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ ئارزۇغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى، پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، دۆلەت، مىللەت، خەلق ۋە شەخسنىڭ ئورتاق غايىسى مۇجەسسەملەنگەن. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يەككە ھالدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلا بولماستىن، بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتتۇر. مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچىدۇر. شۇڭا، باش نىشانغا يېتىشتە چوقۇم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.

 مەدەنىيەت كۈچىنىڭ گەۋدىلىنىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى تىرىكى. شىنجاڭ خىزمىتىدە باش نىشانغا يېتىشتە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى تىرەك قىلىش تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى، بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ كۈچلىنىپ قۇدرەت تېپىشى ھامان مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئۆزىگە تىرەك قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىمۇ دەل جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. ھەربىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى، مەدەنىيەت جۇغلانمىسى، دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنداقلا تەرەققىيات يولىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنىۋى ئىزدىنىشى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بولسا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، مۇھىم مەنىۋى تىرىكى ھەم باش نىشانغا يېتىشتىكى ئەمەلىي كۈچ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئاچقۇچى.

    جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرساق جۇڭگونىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى پۇختا مەنىۋى ئاساسقا ئىگە قىلالايمىز، باش نىشاننىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى كاپالەتلەندۈرەلەيمىز. باش نىشانغا يېتىشتە بىز ئاۋۋال شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى، مەدەنىيەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەتتە ئىناق – ئىتتىپاق، بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ھەربىر مىللەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشىمىز زۆرۈر. بۇمۇ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان 56 مىللەتنى ئۆزئارا ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتۇر. تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى