تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باش نىشانغا يېتىشتە باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك

نۇرمەمەت ماخمۇت

 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ كاپالىتى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ھەم جان تومۇرى. شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن مەۋجۇت رايون. تارىختىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلىپ بىللە ياشاپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باراۋەر ئۆتۈپ، تىنچلىقنى، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ كەلدى.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر پارتىيەمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنىڭ ۋە ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قۇترىتىشى بىلەن قىسمەن كىشىلەر شىنجاڭدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قانلىق پاجىئەلەرنى سادىر قىلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زور تەسىر يەتكۈزدى.

 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ ھەر ساھە، كەسىپتىن تاللانغان ۋەكىلى، ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت – پەرمانلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىدىغان ۋە ئامما بىلەن ئالاقە ئورنىتىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، خەلق مەنپەئىتىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى، شۇنداقلا مۇھىم سىياسىي كۈچ. شۇڭا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە ئاۋۋال غايە، ئېتىقادىنى چىڭىتىشى، سىياسىي جەھەتتە ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشتا باشلامچىلىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشتەك ئالىي شەرىپىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ئۆز ۋەزىپىسى، بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى خەلقنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشتىكى باشلامچىلار، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ مەقسىتى، كۈرەش نىشانى، لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرى، تەشكىلىي پىرىنسىپى، پارتىيە ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلغۇچىلاردۇر. شۇ ۋەجىدىن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر بىر ۋەكىلى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەپ، ھەرىكەتتە دادىل باشلامچى بولۇشى لازىم.

 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشتا ئاۋۋال پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرى، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى پۇختا ئىگىلىشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى، ئەسەبىيلىككە پوزىتسىيەسى ئېنىق، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك قىلماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى لازىم.

 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىرىنچى سەپكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلىشى لازىم.

( ئاپتور: لوپ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى