تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش،ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنى قوزغايلى

 ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹دەرەخنى تېخىمۇ كۆكلىتىش ئۈچۈن، يىلتىزىنى چىڭىتىش كېرەك؛ سۇنى تېخىمۇ يىراققا باشلاش ئۈچۈن، مەنبەنى ياخشىلاش كېرەك››. پارتىيەلىك كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىدىيە جەھەتتىكى ئېغىش ئەڭ ئېغىر كېسەللىك، ئىدىيەدە ئازراق ئېغىش كۆرۈلسىلا، ھەرىكەت زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ۋە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ۋە بىردەكلىكىنى ساقلاشتىكى ئىدىيەۋى ئاساس، غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك.

گېڭ دوۋېن

 بىرىنچى، غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك

 پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپلا ماركسىزمنى قورال قىلىپ، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى قىلدى. ماركسىزم، كوممۇنىزم ئېتىقادى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ھەم جان تومۇرى. ‹‹ئىنقىلاب غايىسى ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن بۇ سۆز يۈكسەك ئېتىقادنىڭ بىز كوممۇنىستلارغا زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: غايە، ئېتىقاد كوممۇنىستلار ئۈچۈن مەنىۋى جەھەتتىكى ‹‹كالتسىي››، غايە، ئېتىقاد بولمايدىكەن ياكى غايە، ئېتىقاد چىڭ بولمايدىكەن، مەنىۋى جەھەتتە ‹‹كالتسىي›› كەملىك كۆرۈلۈپ، ‹‹كۆمۈرچەك كېسىلى›› بولۇپ قېلىپ، سىياسىي جەھەتتە ماھىيىتى ئۆزگىرىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچ كۆزلىشىش، ئەخلاق جەھەتتە چۈشكۈنلىشىش، تۇرمۇش جەھەتتە چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. غايە، ئېتىقادتىكى تەۋرىنىش ئەڭ خەتەرلىك تەۋرىنىش، غايە، ئېتىقادتىكى ئېغىش ئەڭ خەتەرلىك ئېغىشتۇر. ئېتىقادنىڭ چىڭ بولۇشى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشتىن – ئاخىر سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشى، ھەر خىل ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.

 ئىككىنچى، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىشتا جەزمەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك

 ئىدىيە، نەزەرىيە جەھەتتە قەتئىي سەگەك بولۇش سىياسىيدا قەتئىي بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يۈكسەك ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاد ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولمايدۇ، شۇڭا ‹‹قەتئىي ئىرادە بىلەن تاۋلىنىپ››، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، مەنىۋىيىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلىق ئىگىلەشنى ئاۋۋال ئىگىلەشكە تېگىشلىك ماھارەت دەپ قارىشى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 ماركسىزم نەزەرىيەسىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىشىمىز كېرەك. ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە نەزەرىيەۋى سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى ۋە ئېتىقاد تىرىكىنى پۇختىلاش كېرەك. بۇ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل ئارقىلىق كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى ئۆگىنىش، بولۇپمۇ دىققەتنى رېئال مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچى، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش›› ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 ھەر جەھەتتىكى بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشىمىز كېرەك. دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پەلسەپە، تارىخ، قانۇن، پەن – تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، خەلقئارا ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، ئىستراتېگىيە تەپەككۇرى، ئىجادىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارى، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىنى شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەش؛ ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تەشۋىق – تەربىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، دىن مەسىلىسىدە كىچىك ئىش يوق دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، ھەر مىللەت خەلقىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

 ئۈچىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك

 1.ھەر ھەپتىدە ئۆگىنىش قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يىل بېشىدا ئۆگىنىش – تەربىيە پىلانى تۈزۈپ، ئۆگىنىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ئانالىز قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، دوكلات قىلىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاماملىشى كېرەك. كۈندىلىك ئۆگىنىش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش داۋامىدا ئۆگىنىش ۋاسىتىسى ۋە ئۆگىنىش سۇپىسىدا، ئۆگىنىش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش، ‹‹ئالاقە تورى + پارتىيە قۇرۇلۇشى››نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېڭىدىن پارتىيەگە كىرگەن پارتىيە ئەزالىرى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى تېگى – تەكتىدىن تولۇق ئېنىقلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى تىزىملاپ، پارتىيە ئەزالىرى ئۇچۇرىنى يېڭىلىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا بىرمۇ پارتىيە ئەزاسىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، پارتىيە قۇرۇلۇشى يان تېلېفون گېزىتى تەسىس قىلىش كېرەك. مەسىلەن: ئاپتونوم رايون 2014 – يىلى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى تەسىس قىلىندى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردىمۇ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، ئاممىۋى خىزمەت قاتارلىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىنىڭ مەزمۇنلىرى دەل ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىنىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلوگى تەسىس قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلوگىنى ئۇچۇر ئېلان قىلىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۆگىنىش قىلىدىغان ياخشى سۇپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلوگ ئارقىلىق جەمئىيەت ئەھۋالىنى ۋە ئەلرايىنى بىلەلەيدۇ، جەمئىيەتتىكى جامائەت پىكرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

 2.پارتىيە دەرسى ئۆتۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› تۈزۈمى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمى، بۇنىڭدا چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدا بىرقانچە مىزان››دا: پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىغا، پارتىيە ئەزالىرى گۇرۇپپىسى يىغىنىغا ۋە پارتىيە دەرسىگە چوقۇم قاتنىشىشى، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس››تە سىياسىي ئۆگىنىش ۋە تەربىيە، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىش گەۋدىلەندۈرۈلۈشى، يۈزەكىلىكتىن، شەكىلۋازلىقتىن، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىنى ئېلىپ قېلىشتىن، چاكىنىلىشىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹مىزان››دا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە دەرسىگە قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى بەلگىلەنگەن، پارتىيە دەرسىنىڭ ماھىيىتى ۋە كونكرېت تەلىپى تەكىتلەنگەن، پارتىيە دەرسىنىڭ مۇھىملىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ‹‹<ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىمىلاشتۇرۇش تۈزۈمى توغرىسىدىكى پىكىر››دە ئېنىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس››نى ئاساسلىق تۈزۈم، پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش››نى پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىپ، ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

 3. قەرەللىك ھالدا پارتىيە مەكتىپىگە تەربىيەلىنىشكە بېرىش كېرەك. ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان›› دا، پارتىيەلىك كادىرلار يىلدا بەلگىلەنگەن تەربىيەلىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشى، رەھبىرىي كادىرلار قەرەللىك ھالدا پارتىيە مەكتىپىدە تەربىيەلىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا بېرىشىنى كۆپەيتىش، بولۇپمۇ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ناھىيە، يېزا، كەنت كادىرلىرىنى پارتىيە مەكتىپىگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى