تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

تاۋ ۋېنجاۋ

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇزاق مەزگىللىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە مول ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسىنى توپلاپ، سىستېمىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم قانۇنىيىتىنى ئىگىلىدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەنى توغرىلاشتا، پارتىيەنى باشقۇرۇشتا، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشتا، ئىستىلنى ياخشىلاشتا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنى تېخىمۇ مايىل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش خەۋپى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى جەھەتلەردە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى قىلىش كېرەك.

 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى قانداق مۇستەھكەملەش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىرىنچى مەسىلە، شۇنداقلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يادرولۇق مەسىلە. يولداش شى جىنپىڭ: ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يادرو پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش›› دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ لوگىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 يولداش شى جىنپىڭ: ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى›› دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئىككى ‹‹ئەڭ›› پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇھىملىقى، ئەۋزەللىكىنى شەرھلەپ بەردى. جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى، ئىنقىلاب تارىخىدىن قارايدىغان بولساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشىنىڭ شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك خەلقئارالىق ئورۇنغا ئىگە بولالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي، كاللىمىزنى تولىمۇ سەگەك تۇتۇپ، كۆزىمىزنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ، مەيدانىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ، دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ھېچكىم مېڭىپ باقمىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى. ئەمما يەنە شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى ئۆزلۈكىدىنلا ئۇزاققىچە ساقلىنىۋەرمەيدۇ، پارتىيەنى باشقۇرمىسا، ئىدارە قىلمىسا پارتىيە ۋە دۆلەت ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ بىزدىن پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىش كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش زۆرۈر.

 پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىغا ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ، ھەر قانداق پارتىيە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئويلايدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئويلاش بىر ئىش، ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش – يۈرگۈزەلمەسلىك يەنە بىر ئىش. ‹‹ئويلاش››تىن ‹‹قىلالاش››قىچە بولغان يۈكسىلىشتە ئاچقۇچ ئەلرايىدۇر. يولداش شى جىنپىڭ: ‹‹بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئەل قەلبىنىڭ مايىللىقى بەلگىلەيدۇ››، ‹‹ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر›› دەپ كۆرسەتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەلرايىنى تېخىمۇ مايىل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ‹‹شىفىرى››نى يەشكەنلىكتۇر.

 ‹‹سۇ كېمىنى كۆتۈرەلەيدۇ شۇنداقلا ئاغدۇرۇۋېتەلەيدۇ››، ‹‹ئەلرايىنى مايىل قىلغانلار جاھان سورايدۇ، ئەلرايىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئەلنىڭ نەزەرىدىنمۇ چۈشۈپ قالىدۇ››، ‹‹ئەلرايىغا باققان ھاكىمىيەت روناق تاپار، ئەلرايىغا باقمىغان ھاكىمىيەت ھالاك بولار››، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جاھاننى سوراش – سورىيالماسلىق، ھاكىمىيەتنىڭ گۈللىنىش – خارابلىشىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ ئەلرايىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. خەلق بىلەن بوران – چاپقۇندىمۇ، ھايات – ماماتتىمۇ بىللە بولۇپ، باشتىن – ئاخىر قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشىدىكى تۈپ كاپالەت. ئەمما، شۇنىمۇ كۆرمەي بولمايدۇكى، پارتىيە كۈچلۈك باشقۇرۇلمىسا، قاتتىق ئىدارە قىلىنمىسا، خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىلى پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزسە، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تەۋرىنىدۇ ۋە پارچىلىنىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى چىڭىتتى.

 پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە تەرەققىياتتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇش زۆرۈر. ئەمما، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەلرايىنى مۇجەسسەملىشى مۇقەررەر ئەمەس. ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتتە ئادىللىق، ھەققانىيلىق كەمچىل بولسا، ئىككى قۇتۇپلىشىش شەكىللەنسە، ئوخشاشلا ئەلرايىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىيەلىشى مۇقەررەر ئەمەس، مۇھىمى قانداق تەرەققىي قىلىش، كىم ئۈچۈن تەرەققىي قىلىشقا قاراش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش شى جىنپىڭ: ‹‹خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئابستراكت، سىرلىق ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ ئېغىزدىلا، ئىدىيە ھالقىسىدىلا توختاپ قالسا بولمايدۇ، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا نامايان قىلىنىشى كېرەك. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە مايىللىشىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش، تەرەققىي قىلىشتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە: ‹‹ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسى ماھىيەتتە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىنى نامايان قىلىدۇ›› دەپ تەكىتلىدى. بۇ مۇھىم بايانلار پارتىيەمىزنى قانداق قىلىپ ئەلنى مايىل قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى.

 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش خەۋپىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىنىڭ تىپتىنچ، ئوڭۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ھەر ۋاقىت خەۋپ ۋە خىرىسقا ئۇچراپ تۇرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ: ‹‹ھەر قانداق كۈرەش نىشانىغا ئاسانلا يەتكىلى بولمايدۇ، ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس. ئالدىمىزدىكى يول تېخى ئۇزۇن، ئۇنداق داغدام ئەمەس، بىز چوقۇم يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك›› دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى خەۋپنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. مەسىلەن، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىدە: ‹‹پارتىيەمىز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتەك سىياسىي غەيرەت بىلەن، پارتىيەنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، <تۆت چوڭ سىناق>قا بەرداشلىق بېرىپ، <تۆت خەتەر>نى يېڭىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى. ئۇ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش – ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىدە: ‹‹ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىزنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە دۇچ كېلىدىغان زىددىيەت، خەۋپ ۋە خىرىسلىرىمىز ئاز ئەمەس، قىلچە سەل قاراشقا بولمايدۇ›› دەپ كۆرسەتتى.

 يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيە دۇچ كەلگەن ‹‹تۆت سىناق››نىڭ ئۇزاق مەزگىللىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ‹‹تۆت خەتەر››نىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتۇر. يولداش شى جىنپىڭ: ‹‹يېڭى تارىخىي شارائىتتا، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ھەقىقىي ياخشى قۇرۇشىمىز، ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. ئەگەر پارتىيەمىز ئېتىقادتا سۇس، تەشكىلىي جەھەتتە بوش، ئىنتىزام جەھەتتە چېچىلاڭغۇ، ئىستىلدا ناچار بولسا، ‹‹تۆت سىناق››قا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالمايدۇ، ‹‹تۆت خەتەر››نى ئۈنۈملۈك يېڭەلمەيدۇ، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، زور خەۋپكە قارشى تۇرۇش، چوڭ توسقۇنلۇقنى يېڭىش، زور زىددىيەتنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

 يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشتا، كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشى زۆرۈر. بوشاڭ، چېچىلاڭغۇ پارتىيە ئىش قىلالمايدۇ، ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پاراۋۇزنىڭ ياخشى سۆرىشىگە باغلىق. بىز چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى، رەھبەرلىك يادروسىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پارتىيەنى، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆلەتنى ياخشى باشقۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، رەھبەرلىك يادروسىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. رەھبەرلىك يادروسىنى قەتئىي قوغداشنى ئۆز ئارا جىپسىلاشقان ئۈچ قاتلامدىن ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. .1 ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى. .2 پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئاۋۋال پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتۇر. يەنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتكۈل پارتىيەنىڭ يادروسىدۇر. .3 يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ يادروسى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىقتۇر؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا ئاۋۋال يولداش شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش كېرەك.

 ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش، مۈشكۈل، مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل پارتىيە ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلىگەننى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىگە بولغان چوڭقۇر يەكۈنلەش، شۇنداقلا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتۇر.

 (ئاپتور: بېيجىڭ شەھەرلىك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى)

<<خەلق گېزىتى>>دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى