تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش<<تۆت ئاڭ>>نى مۇستەھكەملەشنىڭ جېنى

مۇھەممەد ئىبراھىم

 ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلىدا دۇرۇس بولۇپ، توغرا كەيپىياتنى، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ چاقىرىق قىلىندى.

 ئومۇمىي يىغىندا يەنە «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى <<بىر قانچە مىزان»،«جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدە ھەم مەركەزلەشتۈرۈش بولغان، ھەم دېموكراتىيە بولغان، ھەم ئىنتىزام بولغان، ھەم ئەركىنلىك بولغان، ھەم بىرلىككە كەلگەن ئىرادە بولغان، ھەم شەخسلەرنىڭ كۆڭلى ئازادە، جانلىق، تېتىك بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكى قايتا- قايتا تەكىتلەندى.

 پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى- پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى نورمال قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر چوقۇم پۈتۈن زېھنى بىلەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇشتا ئاۋۋال پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەملىشى زۆرۈر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش- پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەقسىتى. ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە ئادەم بىردەك باراۋەر، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتا ھېچكىمنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى يوق، ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە كىشى بابباراۋەر، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىزچىل تۈردە ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ، ھەر قانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ، ھەر قانداق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامدا، تەشكىلىي تۈزۈمدە، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە، پارتىيە ئىنتىزامىدا ئالاھىدە بولۇۋېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلماي كەلدى.

 كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئورتاق غايە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، سىياسىي ئاڭ ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاۋۋال ئۇلارنىڭ پارتىيەگە، خەلققە بولغان ساداقىتى تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشىنى، نازارەتچىلىكىنى ئاكىتىپ قانات يايدۇرۇپ، ھەممە ئىشتا ئاممىنىڭ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنماقتا.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەقسىتى. ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشتە، بوي سۇنۇش تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشتا غايە-ئېتىقادنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشى كېرەك. بۇنىڭدا رەھبىرىي كادىرلار سەگەكلىك بىلەن ئۆزىنىڭ شەخسىي غەرىزىنى، ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىنى، مەنپەئەتىنى شەرتسىز ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇپ، ھەممە ئىشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك ئىرادىدە، بىردەك ھەرىكەتتە، تەڭ قەدەمدە بولۇپ، ھەممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ دەيدىغان ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە بولۇشى كېرەك. بۇمۇ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك .

 پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلسا، پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى قۇرىيدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار «مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» دېگەن ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتىماي، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

 <<تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەملەشتە ئاۋۋال دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى نورمال ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش− دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇنىڭدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە-پارتىيەنىڭ جېنى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ئاكتىپ، ساغلام بولۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە ئىچىدىكى تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىدە بېكىتىلگەن دېموكراتىك پىرىنسىپ ۋە تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىپ، يادرو ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. يادرو ئېڭىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. شۇ ۋەجىدىن تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىش بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ۋە نازارەتچىلىككە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن «تۆت ئاڭ»نى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ.

 نازارەت قىلىش-ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان چەكسىز ھوقۇق بولۇشقا يول قويماسلىق، شۇنداقلا نازارەت قىلىنمايدىغان ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ بولۇشىغا تېخىمۇ يول قويماسلىق كېرەك. بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيەگە يېقىن ئەگىشىش تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا، پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا باشتىن-ئاخىر يېقىن ئەگىشىپ، قىل دېگىنىنى بىجاندىل قىلىشى، قىلما دېگىنىنى ھەرگىز قىلماسلىقى كېرەك.

 چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. چىرىكلىك ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىدىيەۋى مۇداپىئە تېمى ۋە تۈزۈم مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشتە، مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ھەم چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىتىزامنى چىڭىتىش سالمىقىنى ئىزچىل بوشاشتۇرماي كەلدى. شۇنداقتىمۇ مەركىزى ئىنتىزام-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013- يىلىدىن 2016- يىلى 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 10 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىتىزام جازاسى بېرىلگەن. بۇلار ھوقۇقنى پارتىيە، دۆلەت، ئامما بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، شەكىلۋازلىق قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا، نازارەتچىلىككە سەل قاراپ، رەڭۋازلىق- شەكىلۋازلىق، مەنمەنچىلىك قىلىپ، ئاممىنى، پارتىيەنى كۆزگە ئىلماي، تەشكىلىي پىرىنسىپتىن، جاۋابكارلىقتىن، نازارەتچىلىكتىن، ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سىياسى ئېڭىنى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى، يادرو ئېڭىنى، بىردەكلىك ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇپ، تېگىشلىك جازاسىنى يىگەنلەر.

 دېمەك بىز پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇماي، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشان بويىچە ئىلگىرىلەپ، ئەسلىي مەقسەت بويىچە جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرساقلا«تۆت ئاڭ»نى تېخىمۇ مۇستەھكەملىيەلەيمىز. بۇ«تۆت ئاڭ» پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم. بۇ ئۆلچەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن دائىم «سائەت توغرىلاپ»، كەينىدە قېلىش، بىردەك بولالماسلىق ۋە بىردەك بولماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغاندىن سىرت، يەنە پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەتتىكىلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىشىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى