تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

    دىلمۇرات ھۇشۇر

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات مۇھىم ھالقا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. بىز بۇ مۇھىم يوليورۇقلارنى ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماي، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى قايتا – قايتا تەكىتلەندى. تەرەققىياتتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، يېڭى قاراشتا، يېڭى ئىستراتېگىيەدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىجادچان، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان يېڭى تونۇشىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنىڭ چەكلىمىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان. شۇڭا ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭچە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، يەنى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە؛ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە؛ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە؛ يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتى، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە؛ مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا؛ ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. غەربكە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىگە پائال ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

    شەھەر – يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا كىچىك شەھەر ۋە بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قولايلىق، ئازادە ۋە راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچ، چوڭ پېچ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئاۋۋال خەلقنى بېيىتىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش. تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئالغا ئىنتىلىشكە، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، ئەلرايىنى مايىل قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرغىلى، تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ زور ئۈمىدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ‹‹يېشىللىق – بايلىق، تاغ – دەريالىرىمىزمۇ، قار – مۇزلىرىمىزمۇ بايلىق›› دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

    (ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقاتى ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى