تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك

    سو شياۋشيا

    يولداش شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، ئۇزاق مۇددەتلىك تۈپ مەسىلە مەدەنىيەت تونۇشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى پائال يېتىلدۈرۈش، دەپ كۆرسەتتى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي تونۇشتا تەۋرەنمەسلىك، مەدەنىيەت تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

    سىياسىي تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ سىياسىي ئاساسى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، مەنىۋى كۈچنىڭ جان تومۇرى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ چىقتى. دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر بۇ توغرا يولدا ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىپ، باياشاتلىققا، مەدەنىيلىككە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشتە، دۆلەت ئەھۋالىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ سىياسىي نىشانى، تۈپ پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي قانۇنىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، مەنىۋى ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش باشتىن – ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سىياسىي غايىسى، مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە ئەخلاقىي ھېسسىياتى، جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى. شۇڭا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشتە، ئېلىمىز ھەر مىللەت خەلقنى توغرا دۆلەت قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    مەدەنىيەت تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ھەممە مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنى تەشكىل قىلغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە خاسلىقى بار، ئەمما ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىگە ئورتاق بولغان مەنىۋى بايلىق، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئورگانىك تەشكىلىي قىسمى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ كۆككە تاقاشقان ھەيۋەتلىك دەرەخنىڭ شاخ ۋە يوپۇرمىقىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشتە، مىللەت روھىنى يۈكسەلدۈرۈپ، مەدەنىيەت تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەت كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ھازىر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈرۈش؛ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەپ، قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىپ، پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇش داۋامىدا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قەرەلىدە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماددىي ئاساسى. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىلا بىر قەدەر ئارقىدا. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلەندۈرۈش ھەم مۇھىم ئىقتىسادىي مەسىلە، ھەم مۇھىم سىياسىي مەسىلە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يولداش شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا، بىرىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قەرەلىدە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ چىقىش؛ بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ مىللىي رايونلارغا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىپ، رايونلار ئارا ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش بىلەن تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، تۇرالغۇ، ئوقۇش شارائىتى قاتارلىق شارائىتلارنى تېزدىن ياخشىلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلاردىكى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

    (ئاپتور گۈيجۇ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

    ‹‹خەلق گېزىتى››دىن

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى