تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قانۇنى

(1996 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

32 – نومۇرلۇق

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

3 – باب كاپالەت تەدبىرى

4 – باب تېخنىكا ھوقۇق – مەنپەئىتى

5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن – تېخنىكا نەتىجىسى دېگىنىمىز، پەننى تەتقىق قىلىش ۋە تېخنىكا يارىتىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە نەتىجىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسى دېگىنىمىز، تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ياكى ئاساسلىقى يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ماددىي تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تاماملىغان پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش دېگىنىمىز، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى داۋاملىق سىناق قىلىش، ئېچىش، قوللىنىش، كېڭەيتىشتىن تارتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تېخنولوگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتنى شەكىللەندۈرۈش، يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە بولغان پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

3 – ماددا پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشكە، پەن – تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ۋە مۇھىت ئاسراشقا، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا پايدىلىق بولۇشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

پەن – تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىختىيار قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ھوقۇق – مەنپەئەتكە ئىگە بولۇش، خەۋپ – خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدىكى بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىش، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، جامائەت مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

4 – ماددا دۆلەت پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق مالىيە مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكىلەرنى مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مەبلىغىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

5 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن – تېخنىكا، مالىيە، سېلىنما، باج، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىرىكتۈرۈش جەھەتلەردىكى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلار بويىچە ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

6 – ماددا دۆلەت پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئاۋۋال جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگودىكى ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات، شەخسلەرگە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ياكى يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بېرىدىغانلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

7 – ماددا دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ ۋە چوڭ – چوڭ جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشقا تەشكىللىسە ياكى باشقىلارنىڭ ئالاقىدار پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرسە بولىدۇ.

8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پەن – تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى، ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە باشقۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

2 – باب تەشكىللەپ يولغا قويۇش

9 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئالاقىدار پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

10 – ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان ئەمەلىي پەن – تېخنىكا تۈرلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار پەن – تېخنىكا تۈرلىرىدە ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى پەن تەتقىقات تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئالاقىدار پەن – تېخنىكا يىرىك پىلانى، پىلانى ۋە تۈر كۆرسەتمىسىنى تۈزگەندە، ئالاقىدار ساھەلەر، كارخانىلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك؛ ئەمەلىي پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىگەندە، تۈرنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ھەمدە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ۋە بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ئىجادىيىتى، ئىشلىتىلىشىنى تۈر بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسى قىلىش كېرەك.

11 – ماددا دۆلەت پەن – تېخنىكا دوكلاتى تۈزۈمى ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى شۇنىڭدەك پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ۋە ئالاقىدار بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، تاللاش قاتارلىق پاراۋانلىق مۇلازىمىتى قىلىدۇ. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. ئېلان قىلىنمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن – تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا دوكلاتىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى ھەمدە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىگە ئالاقىدار بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەت غەيرىي مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن – تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا دوكلاتىنى تاپشۇرۇشىغا ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىگە ئالاقىدار بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ئۇچۇرى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتكە مەسئۇل تارمىقى ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

12 – ماددا تۆۋەندىكى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى دۆلەت ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىشقا ماددىي ياردەم، كەسپىي تېخنىكا يېتەكچى مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەدەت بېرىدۇ:

(1) كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىغان ياكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى كەسىپلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان تۈرلەر؛

(2) دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىغان تۈرلەر؛

(3) بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلانغىلى، ئېنېرگىيە تېجىگىلى، سەرپىياتنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغان، شۇنىڭدەك مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە تۈزىگىلى، ئېكولوگىيەنى قوغدىغىلى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان تۈرلەر؛

(4) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى ۋە جامائەت ساغلاملىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان تۈرلەر؛

(5) زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ياكى يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلەر؛

(6) ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت – ياقا، نامرات رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان تۈرلەر؛

13 – ماددا دۆلەت سىياسەت، تەدبىر تۈزۈپ، ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر – سەنئەت ۋە جابدۇقلارنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قالاق تېخنىكا، ھۈنەر – سەنئەت ۋە جابدۇقنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ، ئىشلىتىشكە چەك قويىدۇ ياكى شاللىۋېتىدۇ.

14 – ماددا دۆلەت ئۆلچەم چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر – سەنئەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى، كەسىپ ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا چىقىرىپ، خەلقئارا ئۆلچەم چىقىرىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەت ئۈنۈملۈك بولغان ھەربىي، پۇقراۋى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسىدا ھەمكارلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ھەربىي بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشتا، ئىلغار، باب كېلىدىغان پۇقراۋى ئۆلچەمنى قانۇن بويىچە ئاۋۋال قوللىنىپ، ھەربىي، پۇقراۋى تېخنىكىنىڭ ئۆزئارا يۆتكىلىشىگە ۋە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

15 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەپ يولغا قويغان نۇقتىلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىنى ئالاقىدار تارماقلار ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يولغا قويسا بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار خېرىدار بولغان ئورۇنغا خېرىدار چاقىرىشتا بېكىتىلگەن ماددىي ياردەمنى بېرىشى ياكى باشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

16 – ماددا پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئىگىسى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) ئۆزى مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇش؛

(2) پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(3) پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش؛

(4) پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ھەمكارلىشىش شەرتى قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئايلاندۇرۇش؛

(5) شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ قىلىپ سېلىش، پايغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ياكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتى قىلىش؛

(6) كېڭىشىپ بېكىتىلىدىغان باشقا ئۇسۇللار.

17 – ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى كارخانا ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا يۆتكىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا بولغان باشقۇرۇشنى، تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تەرتىپىنى ياخشىلىشى، ئۆز ئورنىنىڭ تېخنىكا يۆتكەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا ياكى تېخنىكا يۆتكەش خىزمىتىنى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان مۇستەقىل ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

18 – ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىكى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن، كېلىشىم ئارقىلىق باھاسىنى بېكىتىپ، تېخنىكا سودا بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش شەكىللىرى ئارقىلىق باھاسىنى بېكىتىشى كېرەك. كېلىشىم ئارقىلىق باھاسىنى بېكىتكەنلىرى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ نامى ۋە سودىلاشماقچى بولغان باھانى ئۆز ئورنىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

19 – ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئېرىشكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇندىغۇچى ۋە قاتناشقۇچىلار ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا ئۆز ئورنى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن ئايلاندۇرسا ھەمدە كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق – مەنپەئەتكە ئىگە بولسا بولىدۇ. شۇ ئورۇن يۇقىرىقى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

پەن – تېخنىكا نەتىجە تۈرىنى ئورۇندىغۇچىنىڭ ياكى تەتقىقات تېمىسى مەسئۇلىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ماتېرىياللىرى، سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا، ئورۇننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

20 – ماددا تەتقىقات – تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى شۇنىڭدەك مالىيە، پەن – تېخنىكا تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئۈنۈم باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنى باھالاش، پەن تەتقىقات مەبلىغى بىلەن قوللاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىشى ھەمدە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنى پەن تەتقىقات مەبلىغى بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش، ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى، كىرىم تەقسىماتى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

21 – ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر مەسئۇل تارماقلىرىغا پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى، ئۇنىڭدا ئۆز ئورنى قانۇن بويىچە قولغان كەلتۈرگەن پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ سانى، ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى شۇنىڭدەك ئالاقىدار كىرىم تەقسىمات ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى، شۇ مەسئۇل تارماق بەلگىلىمە بويىچە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى مالىيە، پەن – تېخنىكا تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارغا يوللىشى كېرەك.

22 – ماددا كارخانىلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر – سەنئەت، يېڭى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە ئۆزى ئۇچۇر ئېلان قىلسا ياكى ئۆزى ئېھتىياجلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى توپلاپ بېرىشنى پەن – تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا ياكى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرىدىغان ھەمكارلاشقۇچى تاپسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەن – تېخنىكا مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىسىگە ئېرىشىشىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە ياردەم ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

23 – ماددا كارخانىلار پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئايلاندۇرۇشقا ياكى چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ ئايلاندۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

كارخانىلار ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان پەن تەتقىقات، تېخنىكا يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرىنى مۇستەقىل ياكى باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

24 – ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان بازىرى، كەسىپ نىشانى ئېنىق بولغان پەن – تېخنىكا تۈرلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىش، يارىتىش يۆنىلىشىنى تاللاش، تۈرنى يولغا قويۇش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، كارخانىلار، تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

25 – ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى بىرلىكتە ئايلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ياكى كارخانىلارنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار چىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا بولىدۇ.

26 – ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش، يارىتىش سۇپىسى، تېخنىكا يۆتكەش ئاپپاراتى قۇرۇش ياكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەتقىق قىلىش، يارىتىش، نەتىجىنى ئىشلىتىش ۋە كېڭەيتىش، ئۆلچەمنى تەتقىق قىلىش ۋە چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

ھەمكارلاشقۇچىلار كېلىشىم تۈزۈپ، ھەمكارلىق تەشكىلىي شەكلى، ۋەزىپە تەقسىماتى، مەبلەغ سېلىنمىسى، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكى، ھوقۇق – مەنپەئەت تەقسىماتى، خەۋپ – خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ۋە خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈشى كېرەك.

27 – ماددا دۆلەت تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن تېخنىكا خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى، ساھە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىكى تېخنىكا خادىملىرىنى ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتىنى قوشۇمچە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۆز ئورنىدىكى تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كارخانا ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا بېرىپ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

28 – ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر شۇنىڭدەك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەربىيە بازىسى ۋە ئاسپىرانتلار تەتقىق قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق تەربىيەلىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

29 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يېزا ئىگىلىكى بويىچە تەجرىبە قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى مۇستەقىل ياكى باشقا ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

30 – ماددا دۆلەت تېخنىكا بازارلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، پەن – تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، تېخنىكا سودىسىغا سودا سورۇنى، ئۇچۇر سۇپىسى شۇنىڭدەك ئۇچۇر ئىزدەش، پىششىقلاش ۋە ئانالىز قىلىش، باھالاش، ۋاستىچىلىك مۇلازىمەتلىرىنى قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

پەن – تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت قىلىشتا، ئادىل، ئوبيېكتىپ بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، يالغان ئۇچۇر ۋە ئىسپات بەرمەسلىكى، مۇلازىمەت جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

 31 – ماددا دۆلەت كەسىپ ۋە رايونلار تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، جامائەت تەتقىق قىلىش، يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، تېخنىكا توپلاش، ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئارىلىق تەجرىبىسى ۋە سانائەت خاراكتېرلىك تەجرىبە قىلىش، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى سىستېمىلىق ۋە تېخنولوگىيەلىك يارىتىش، تېخنىكا كېڭەيتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش مۇلازىمەتلىرىنى قىلىشقا مەدەت بېرىدۇ.

32 – ماددا دۆلەت پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئورنى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن – تېخنىكا باغچىسى قاتارلىق پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېڭى قۇرۇلغان پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارغا يېتىلىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە باشقۇرۇش مەسلىھەتى بېرىش مۇلازىمەتلىرىنى قىلىدۇ.

3 – باب كاپالەت تەدبىرى

33 – ماددا پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مالىيە خىراجىتى ئاساسلىقى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش يېتەكچى مەبلىغى، قەرز پۇل ياردەم ئۆسۈمى، ياردەم مەبلىغى ۋە خەۋپ – خەتەر مەبلىغى، شۇنىڭدەك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا مەبلەغلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

34 – ماددا دۆلەت باجغا ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىدە باج ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

35 – ماددا دۆلەت بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، باشقۇرۇش مېخانىزمى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك قەرزى، پاي ھوقۇقى رەنىلىك قەرزى قاتارلىق قەرز كەسپىنى يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا پۇل مۇئامىلە مەدىتى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

36 – ماددا دۆلەت سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتا تۈرىنى يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

37 – ماددا دۆلەت كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقى سودىسى قىلىش، قانۇن بويىچە پاي چېكى ۋە زايوم تارقىتىش قاتارلىق بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرلىرى بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللايدۇ.

38 – ماددا دۆلەت ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت تەسىس قىلغان ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش يېتەكلەش فوندى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنى دەسلەپ قۇرۇلغان پەن – تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلىشى ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

39 – ماددا دۆلەت پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش فوندى ياكى خەۋپ – خەتەر فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ. ئۇنىڭ مەبلىغىنى دۆلەت، جايلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر چىقىرىدۇ، ئۇ سېلىنمىسى كۆپ، خەۋپ – خەتىرى ئېغىر، ھاسىلاتى يۇقىرى پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئايلاندۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشكە، چوڭ – چوڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ كەسىپلىشىشىنى تېزلىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش فوندى، خەۋپ – خەتەر فوندى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

4 – باب تېخنىكا ھوقۇق – مەنپەئىتى

40 – ماددا پەن – تېخنىكا تۈرىنى ئورۇنلىغۇچى ئورۇنلار بىلەن باشقا ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغاندا، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىگە ئالاقىدار ھوقۇق – مەنپەئەت تەۋەلىكىنى قانۇن بويىچە توختامدا پۈتۈشۈشى كېرەك. توختامدا پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇش داۋامىدا يېڭى كەشپىيات – ئىجادىيەت يارىتىلمىغان بولسا، شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ئۇنى ئورۇنلىغۇچى ئورۇنغا تەئەللۇق بولىدۇ؛

(2) ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇش داۋامىدا يېڭى كەشپىيات – ئىجادىيەت يارىتىلغان بولسا، شۇ يېڭى كەشپىيات – ئىجادىيەتنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئورتاق تەئەللۇق بولىدۇ؛

(3) ھەمكارلىشىپ ئايلاندۇرۇش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىدە ھەرقايسى تەرەپلەر شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى يولغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

41 – ماددا پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلىغۇچى ئورۇنلار بىلەن باشقا ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا ھەمكارلاشقۇچىلار تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك؛ ئالاقىدارلار كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ شۇ تېخنىكىنى ئاشكارىلاپ قويسا، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلسا بولمايدۇ.

42 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز ئورنىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۆز ئورنىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملار بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى ياكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئۆز ئورنىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ساقلاش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك؛ ئالاقىدار خادىملارنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئورنىنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىشىغا، ئەسلىي ئورنىدىكىگە ئوخشاش پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىچە يول بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

43 – ماددا دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئايلاندۇرغان پەن – تېخنىكا نەتىجىسى كىرىمىنىڭ ھەممىسى شۇ ئورۇنغا تەئەللۇق بولىدۇ، ئۇ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلاش، ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە قوشقان خادىملارنى مۇكاپاتلاشقا ۋە ئىش ھەققىنى بېرىشكە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئاساسلىقى پەن – تېخنىكا تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

44 – ماددا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلىغۇچى ئورۇن شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلاش، ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەق بېرىدۇ.

پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلىغۇچى ئورۇنلار مۇكاپاتلاش ۋە ھەق بېرىش ئۇسۇلى، سوممىسى ۋە ۋاقىت چېكىنى بەلگىلىسە ياكى پەن – تېخنىكا خادىمى بىلەن پۈتۈشسە بولىدۇ. ئورۇنلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشتا، شۇ ئورۇندىكى پەن – تېخنىكا خادىمىدىن پىكىر ئېلىش ھەمدە شۇ ئورۇندا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

45 – ماددا پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلىغۇچى ئورۇنلاردىن مۇكاپاتلاش ۋە ھەق بېرىش ئۇسۇلى، سوممىسىنى بەلگىلىمىگەن، پەن – تېخنىكا خادىملىرى بىلەنمۇ پۈتۈشمىگەنلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلاش، ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارغا ھەق بېرىشتە، تۆۋەندىكى ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) شۇ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىلارنىڭ يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بېرىشتە، شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ساپ كىرىمى ياكى ئىجازەت بېرىش ساپ كىرىمىدىن% 50 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتتە ئاجرىتىش؛

(2) ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سالغانلار، شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىدىن شەكىللەنگەن پاي ياكى چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتىدىن %50 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتتە ئاجرىتىش؛

(3) ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆزى يولغا قويغان ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يولغا قويۇشتا پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇدا 3 يىلدىن 5 يىلغىچە، ھەر يىلى شۇ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى يولغا قويۇشتىن بولغان تىجارەت پايدىسىدىن %5 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتتە ئاجرىتىش.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بەلگىلىگەن ياكى پەن – تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پۈتۈشكەن مۇكاپاتلاش، ھەق بېرىش ئۇسۇلى ۋە سوممىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (3) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئورۇنلاش، ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە قوشقان خادىملارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارغا ھەق بېرىش چىقىمىنى شۇ ئورۇننىڭ شۇ يىللىق مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈپ ھېسابلايدۇ، لېكىن ئۇ، شۇ ئورۇننىڭ شۇ يىللىق مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇ ئورۇننىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئاساسىي سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

46 – ماددا مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن – تېخنىكا تۈرىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلاردىن پەن – تېخنىكا دوكلاتىنى تاپشۇرۇش، پەن – تېخنىكا نەتىجىسى ۋە ئالاقىدار بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىگەن ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان پەن – تېخنىكا تۈرىنى مەلۇم مۆھلەتكىچە ئۈستىگە ئېلىشىنى مەنئى قىلىدۇ.

دۆلەت قۇرغان تەتقىق قىلىش، يارىتىش ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىن پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى يىللىق دوكلاتىنى تاپشۇرۇشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ.

47 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش داۋامىدا ساختىپەزلىك قىلىپ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مۇكاپاتقا ۋە شەرەپ نامىغا ئىگە بولۇۋالغان، پۇل – مالنى ئالداپ ئېلىۋالغان، قانۇنسىز پايدا ئالغانلارنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە شەرەپ نامىنى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. باشقىلارغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

48 – ماددا پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ۋە كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قەستەن ساختا ئۇچۇر، تەجرىبە نەتىجىسى ياكى باھالاش پىكرى بېرىپ، ئالاقىدارلارنى ئالدىغان ياكى ئالاقىدار بىر تەرەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپنى ئالدىغانلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ. باشقىلارغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

پەن – تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت مەخپىيىتى ياكى ئالاقىدارلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى قانۇن، مەمۇرىي قانۇن – نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

49 – ماددا پەن – تېخنىكا مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش داۋامىدا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

50 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوغرىلاشقا كۈشكۈرتۈش، ئازدۇرۇش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئىگىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

51 – ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ ئورۇننىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەن، باشقىچە يول بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملاردىن شۇ ئورۇن بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان، پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ئەسلىي ئورنىنىڭكىگە ئوخشاش پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ شۇ ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

52 – ماددا بۇ قانۇن 1996 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : پەرغانە غوپۇر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى