قاتناش ۋەقەسىدە زەخىملەنگۈچىگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكىمۇ؟-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

قاتناش ۋەقەسىدە زەخىملەنگۈچىگە بېرىلگەن تۆلەم پۇلى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكىمۇ؟

مامۇت بارات

 بىر يىل بۇرۇن سەمەت قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ زەخىملەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلارنى خوتۇنى ماينۇرنىڭ ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان. تەرەپلەر كېڭىشىش ئارقىلىق ۋەقە سادىر قىلغۇچى تەرەپ سەمەتنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشكە كېلىشىپ، پۇلنى ماينۇرنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن. كېيىن سەمەت بىلەن ماينۇر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجراشماقچى بولغان. بۇ چاغدا ماينۇر قاتناش ۋەقەسىدە قارشى تەرەپ سەمەتكە تۆلەپ بەرگەن 15 مىڭ يۈەننى سەمەتنىڭ داۋالىنىشقا ئىشلىتىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنداق بولسا بۇ تۆلەم پۇلى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى بولامدۇ؟

 ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى››دا: ‹‹ئەر – خوتۇنلاردىن بىر تەرەپ جىسمانىي زەخىملىنىش سەۋەبىدىن ئېرىشكەن داۋالىنىش خىراجىتى، مېيىپلىك تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلار ئەر – خوتۇنلاردىن زەخىملەنگۈچى بىر تەرەپكە تەۋە بولۇپ، بۇ، ئورتاق مال – مۈلۈككە كىرمەيدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. داۋالىنىش خىراجىتى، مېيىپلىك تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق پۇللار شەخسىي تۇرمۇشتا كىشىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مال – مۈلۈك بولۇپ، بۇ مۈلۈكلەرنى ئەر – خوتۇنلاردىن بىر تەرەپنىڭ مۈلكى دەپ بەلگىلەش پۇقرالارنىڭ شەخسىي مال – مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇۋاپىق يۈرگۈزۈلۈشىنى قوغداشنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى››دا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈشىدۇر.

 يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر دېلودا قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغۇچى سەمەتنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن تۆلەپ بەرگەن 15مىڭ يۈەننى سەمەتنىڭ داۋالىنىشقا ئىشلىتىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مۈلكى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ قانۇن ئاساسى يوق. ئەگەر تەرەپلەر نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولسا، سەمەت سوت مەھكىمىسىدىن بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مال – مۈلكى قاتارىدا ئۆزىگە بۇيرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : پەرغانە غوپۇر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى