ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىسا خوجىلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىسا خوجىلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

مۇيەسسەر ئاباھامىت

 كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سانى كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇپ قالدى. ئائىلىلىكلەر قورۇلىرىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى سېتىۋالغانلار ئاپتوموبىلىنى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا توختاتسا، باشقىلار قورۇدىكى بوش ئورۇنلارغا توختىتىدۇ، بۇنداق ئورۇنلارغا توختىتىلغان ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن مۇستەسنا بولغىلى بولمايدۇ. ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بوش ئورۇنغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىسا، خوجىلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالامدۇ؟

 شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ كامالەت ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىمجان ئەمەت بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى 2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ نىزام مۈلۈكدارلار بىلەن خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي مۇناسىۋەتنى تەڭشىدى. خوجىلىق باشقۇرۇش رايون تەۋەسىدىكى ئاپتوموبىللار كۈتۈلمىگەن زىيانلارغا ئۇچرىسا، مەھەللىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ دېرىزىلىرى چېقىلىپ، ئىچىدىكى مال – مۈلۈكلەر زىيانغا ئۇچرىسا، ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل ئىچىدىكى مۈلۈكنىڭ زىيىنىغا قارىتا مۇشۇ تەۋەلىكتىكى خوجىلىق مەسئۇلىيەت شىركىتى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.

 خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتى ئالدى بىلەن مۇشۇ مەھەللىدىكى ئورتاق رايوننى ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. شىركەتنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورناتقان، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى يېتەرلىك سەپلىگەن، بۇ خادىملار مەھەللىنى چارلاپ تۇرغان، ئەڭ مۇھىمى، مۇشۇ قورۇغا كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بويىچە كىرگەنلەر تىزىملىتىپ كىرىدىغان، قورۇدا داۋاملىق ئولتۇرىدىغانلار كىرىپ – چىقىش ئىجازەتنامىسى بېجىرگەن بولسا، بۇ مەھەللىدىكى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ تەدبىرلىرى ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بولىدۇ. خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى تەدبىرلىرىنىڭ مۇشۇنداق مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى دەلىل – ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنىڭ زىيىنىنى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. مۈلۈكدارلار مۇشۇ ھەقتە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، چۈنكى سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنى مۇشۇ مۇلازىمەت رايونىدا ئامانلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان دەپ قارايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : پەرغانە غوپۇر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى