ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادىكى بىر جۈپ ياش يېقىندا 10 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 90 مىڭ يۈەن) خەجلەپ، يۇرتىدا باش تېمىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. توينى لايىھەلەشتە قىز-يىگىت ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئامېرىكا تېلېۋىزىيە فىلىمى «ھوقۇق ئويۇنى» دىن ئىلھام ئالغان. تويدا يىگىت بىلەن قىز ئايرىم-ئايرىم فىلىمدىكى پادىشاھ بىلەن خانىشنىڭ رولىنى ئالغان. تويغا قاتناشقان 600 مېھمانمۇ باش تېما بويىچە پەردازلىنىپ، بۇ رومانتىك تويغا رەڭ قوشقان.
«ھوقۇق ئويۇنى» دىن ئىلھام ئالغان توي
مۇھەررىر:
زۆھرە تۇرسۇن
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2017/09/27 10:41
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.