يەر شارى تورى خەۋىرى: يېقىندا ئەينى يىللاردىكى ئامېرىكا سەرگەردانلىرى تەسۋىرلەنگەن بىر يۈرۈش كونا سۈرەتلەر ئاشكارىلانغان، بۇ قىممەتلىك سۈرەتلەر سەرگەردانلارنىڭ قاتتىق ئەخلاق مىزانى ئاستىدا ياشاپ، تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىدەك كىشىلەرگە تونۇش بولمىغان تارىخىنى ئېچىپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، كىشىلەر ئۇلارنىڭ پويىز ۋاگونىدا ئۇخلاۋاتقان ياكى مۈرىسىگە خالتا ئېسىپ يېزا-قىشلاقلاردا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەچكە، ئۇلارنى «ھورۇن» دەپ كەمسىتىپ، «تىلەمچى» دەپ قارىغان.
لېكىن، تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سەرگەردانلار ئارىسىدىكى كۆپىنچىسى ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەر بولۇپ، ئۇلار ھاياتلىق ئۈچۈن پۈتۈن ئامېرىكىنى ئايلىنىپ، پۇل تېپىش پۇرسىتى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان. كىنايىلىك يېرى شۇكى، كىشىلەر پايدىلىنىۋاتقان تۆمۈريول، ئامېرىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىشتا تۆھپىسى زور بولغان يۇندى يولى سىستېمىسى، تاشيول ۋە كۆۋرۈكلەرنى مانا مۇشۇ سەرگەردانلار يوقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن.