تىلغا قاراپ يۈرەك ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تىلغا قاراپ يۈرەك ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ

 كۆپىنچە كىشى چىرايغا قاراپ يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۈرەك ساغلاملىقى ئالدى بىلەن تىلدا نامايان بولىدىكەن.

 1. تىلغا كۆك چۈشۈش قان توسۇلغانلىقنىڭ ئالامىتى.

 يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ تىلىدا تۇتۇق سۆسۈن رەڭدە داغ پەيدا بولىدىكەن. تىلغا كۆك چۈشۈپ، يۈرەك سېلىش، نەپەس قىسىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، مەيدە ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى؛ تىلغا كۆك چۈشۈپ، باش قايسا، باش ئاغرىسا، بۇ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 2. تىل قىزىرىپ قېلىش يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامىتى.

 يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلاردا يۈرەك سېلىش، يۈرەك سىقىلىش، يۈرەك تېز سوقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۈرەككە قان يېتىشمىگەنلىكنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

 3. تىلنىڭ ئاقىرىشى قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامىتى.

 تىلنىڭ ئاقىرىشى ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن.بىرى، تىل بىرئاز ئاقىرىش، بۇنىڭغا يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى قوشۇلسا، قان ئازلىقتىن بولىدىغان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن. يەنە بىرى، تىل گېزىدە ئاق ماددا پەيدا بولۇش، بۇ خىل ئالامەت كۆكرەك سىقىلىش، مەيدىسى بىئارام بولۇش بىلەن قوشۇلۇپ كەلسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ياكى ئارتېرىيە قېتىش قاتارلىق يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : بۇئايشەم راخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى