مىنۇتىغا 90 قەدەمدىن مېڭىپ بەرسە ...-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مىنۇتىغا 90 قەدەمدىن مېڭىپ بەرسە ...

 كىشىلەر ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن سۆڭەكلىرىنىڭ چۈرۈكلىشىپ ئاسان زەخىملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بەك ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ ھەتتا تېزرەك مېڭىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمما تەيۋەن ‹‹بىرلەشمە كەچلىك گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېڭىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاشۇرۇش سۆڭەكنى چىڭىتىشقا پايدىلىق بولىدىكەن.

 تەيۋەن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى 35 ياشتىن يۇقىرى 500 ئەر – ئايال ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %50 ئادەمدە چېنىقىش ئادىتى بار بولۇپ، %40 ئادەم مېڭىشنى ئاساس قىلىدىكەن، ئەمما ماڭىدىغان كىشىلەرنىڭ %80ىنىڭ ئوتتۇرىچە سائەتلىك سۈرئىتى تۆت كىلومېتىرغا يەتمەيدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، 35 ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ سۆڭىكى شالاڭلىشىشقا باشلايدىكەن، 40 ياشتىن كېيىن ھەر يىلى %1 ~ %2لىك سۈرئەتتە كېمىيىدىكەن، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىن كېيىن ھەر يىلى %3 ~ %5لىك سۈرئەتتە كېمىيىدىكەن. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ مۇۋاپىق مېڭىش سۈرئىتى سائىتىگە 4.8 ~ 6.3 كىلومېتىر يەنى مىنۇتىغا 90 ~ 120 قەدەم بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ھەپتىدە 5 كۈن، ھەر قېتىمدا ئاز بولغاندا 4.8 كىلومېتىر ھەم سائەتلىك سۈرئىتى 6.3 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول ماڭسا، 15 ھەپتىدىن كېيىن ئومۇمىي سۆڭەك زىچلىقى %0.4 ئاشىدىكەن، پۇتنىڭ سۆڭەك زىچلىقى %0.8 ئېشىپ، سۆڭەك سۇنۇش ۋە يىقىلىپ چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

 توغرا مېڭىش ھالىتى كۈچنى تېجەيدۇ ھەم ھەرىكەت جەريانىدا زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ. توغرا مېڭىش ھالىتى بولسا قەددىنى تىك تۇتۇش، بويۇن ۋە مۈرە ئازادە تۇرۇش، ئىككى قول بوش تۈگۈلگەن بولۇش، ئىككى بىلەك تەبىئىي ھالەتتە ئالدى – كەينىگە تەۋرىنىپ تۇرۇش، قەدەملەر مۇۋاپىق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : بۇئايشەم راخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى