ئەنگىليەدىكى ئاددىيغىنە ياغاچ ئۆي قىممەت باھادا سېتىلدى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   سەيلىگاھ

ئەنگىليەدىكى ئاددىيغىنە ياغاچ ئۆي قىممەت باھادا سېتىلدى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە دېۋون ئۆلكىسىنىڭ خونتون كەنتىدىكى 75 ئېنگلىز موسى (تەخمىنەن 455 مو) كېلىدىغان بىر ئورمانلىقتا «كولۋېل» ناملىق ياغاچ ئۆي بار، بۇ ياغاچ ئۆي خىلۋەت تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى تاللاشتۇر. بۇ ئۆي يېقىندا ئەتراپتىكى زېمىنلار بىلەن قوشۇلۇپ 1 مىليون 250 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 11 مىليون 200 مىڭ يۈەن) غا سېتىلدى. چۈنكى، بۇ ئۆي قارىماققا ئاددى كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى زور ئىدى.

   بۇ ئورمانلىق 15-ئەسىردىكى ئەتىرگۈل ئۇرۇشى مەزگىلىدە پادىشاھ چارلىز Ⅱ نىڭ ئىلكىدە بولۇپ، 16-ئەسىردە ئىلگىرى-كېيىن  بولۇپ تۆت ئېسىلزادىنىڭ قولىدىن ئۆتكەن. 1793-يىلىدىكى كوپېنھاگېن ئۇرۇشىدا گېنېرال توماس گىراۋېس 210 فوندستېرلىڭ (مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارنى قوشقاندا تەخمىنەن 11 مىڭ يۈەن) خەجلەپ سېتىۋېلىپ، قىزىغا سوۋغا قىلغان. بۇ ياغاچ ئۆي ئەنە شۇ چاغدا ياسالغان. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئۆيدە كىشىلەر تۇرمۇش كەچۈرگەن، كېيىن ئەتراپ خارابلىشىشكە يۈزلەنگەن. ئۆينىڭ ھازىرقى ئىگىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بۇ ئۆينى ئەتراپتىكى زېمىنلار بىلەن قوشۇپ سېتىۋېلىپ، قايتىدىن بېزىگەن ھەمدە دەم ئالىدىغان تۇرالغۇ قىلغان. ئۆي ئىگىسى يېقىندا بۇ ئۆينى 1 مىليون 250 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 11 مىليون 200 مىڭ يۈەن) غا ساتقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : زۆھرە تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى