مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ،ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

    مەۋلۇدە2017-08-29 11:37:35شىنجاڭ گېزىتى

        گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىدى.

        ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى: ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قايتا – قايتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان تۇراقلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرىمىز

        ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، 8 كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا، خىزمەت تەجرىبىسىگە ۋە ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەردى.

        يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئۈلگە تىكلەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كەچلىك مەكتىپىگە، كەنت ئاھالىلەر يىغىنىغا ۋە تۈرلۈك تەربىيەلەشلەرگە سىڭدۈرۈش؛ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىشقا، قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەردە، ئېتىز – قىرلاردا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى، بېيىش ماھىرلىرىنى، دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنى، ئامما ۋەكىللىرىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تاللاپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنى، ئاممىنى، ئوقۇغۇچىلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قايتا – قايتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان تۇراقلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايمىز

        ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق ئالتە خىزمەت ئەترىتى 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم كەنتتىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى دۆلەت بايرىقى ئالدىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسىمى بېرىشكە تەشكىللىدى.

        ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بەختىيار ساتتار مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەگە دائىم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تونۇشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

        ئاناركۆل يېزىسىنىڭ قۇمبوغۇز كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى رۇقىيە ئابدۇرۇسۇل باشتىن – ئاخىر زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ كەلدى ھەم كەنتتىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كەچلىك مەكتىپىدە خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ ھېسسىيات، تىل قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقىمنى ۋە ئۆزگىچە رولىمنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىشكە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا يېتەكلەيمەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش مۇھىتىنى قەدىرلەش، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەيمەن.

        تارباغاتاي ۋىلايىتى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 667 خىزمەت ئەترىتى داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

        تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 667 خىزمەت ئەترىتى يېقىندىن بۇيان ئوخشىمىغان شەكىلدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىدى.

        كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقارغاندا دېھقان – چارۋىچىلارنى، ئاھالىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، كۆپچىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز، دەپ قەسەم بەردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

        كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى، ئاھالىلەرنى قەرەلسىز ھالدا كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى تازىلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىناق، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان تارباغاتاينى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

        ( جىڭ بو، فەن چۈنخەي،لى گاڭ، ۋاڭ چيەن، ليۇ پېڭ)

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.