مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتى ئاگرونوم تەكلىپ قىلىپ دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇردى

    ئامانگۈل2017-07-26 11:37:39شىنجاڭ گېزىتى

     پەرھات مىجىت، رىزۋانگۈل راخمان خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى بازار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 7 – ئاي كىرىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىن ئۈچ ئالىي ئاگرونومنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى دېھقانلارغا ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، باغلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ھەققىدە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللىدى.

     قىزىلبايراق بازىرىنىڭ بازار كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە ياڭاق، چىلاننى ئاساس قىلغان باغ – ئورمانچىلىقتىن كېلەتتى. دېھقانلارنىڭ باغلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، مېۋىلىك باغلارنىڭ ھوسۇلىغا تەسىر يەتكەنىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەكلىپ قىلغان ئۈچ ئاگرونوم كەنتتىكى دېھقان رەخمەت پازىلنىڭ چىلانلىقىدا تومۇز كۈنلىرى مېۋىلىك باغلاردا كۆرۈلىدىغان ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. رەخمەت پازىل مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ھاشارات زىيىنى تۈپەيلىدىن چىلانلىقىمدىن كۆپ كىرىم قىلالمىغانىدىم. بۇ يىل ئاگرونوملاردىن ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالدىم. ئەمدى چىلان دەرەخلىرىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، چىلان ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەيمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.