مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    قوشئاۋاتلىقلارنىڭ ‹‹ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان›› لار

    ئامانگۈل2017-07-24 11:48:57شىنجاڭ گېزىتى

      نىياز راھمان

     كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ گېپى بولۇۋېدى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات بازىرى قوشئاۋات كەنتىدىكى ئاسىيەم ئەنۋەر خۇشاللىقىنى باسالمىدى:

     بۇ يىل 6 – ئايدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئاچقان شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇدۇم، 8 – ئاينىڭ ئاخىرى ھەيدەش كىنىشكام چىقسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەيمەن، شۇڭا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلاردىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. چۈنكى ئۇلار ‹‹ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئاقتى››.

     ئاسىيەم ئەنۋەرنىڭ ‹‹ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئاقتى›› دېگەن ئاخىرقى گېپىنى قوشئاۋاتلىقلارنىڭ يۈرەك سۆزى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئاقسۇ تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات بازىرى قوشئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار قوشئاۋاتلىقلارنىڭ قىيىنىنى ئاسان قىلىپ، ھالىغا يېتىپ، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ‹‹ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان›› ئىدى.

     خىزمەت ئەترىتىدىكى يەتتە مىللەتتىن بولغان كادىرلار ئائىلىلەرنى ئۈچ قېتىم ئىنچىكە زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكىر – تەلىپى، قىيىنچىلىقلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شۇ ئاساستا ئاممىغا قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى. مەكتەپ مالىيەسىدىن 85 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنتكە 65 كىۋادرات مېتىرلىق پائالىيەت سەھنىسى ياساپ، 500 ئورۇندۇق، ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلەپ بەردى. 200 مىڭ يۈەنگە كومپيۇتېر سېتىۋېلىپ، يېشىل تورخانا قۇرۇپ بەردى، 55 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ قوشئاۋات، لايسۇ كەنتىگە 36 رادىيو كانىيى ئورنىتىپ بەردى، 60 مىڭ يۈەنگە نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزوردىن ئوننى سېتىۋېلىپ، گۇرۇپپىلارغا تارقىتىپ بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئىككى قابىل كادىرنى قوشئاۋات، لايسۇ كەنتىنىڭ دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئاجرىتىپ، 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن باشلاپ 25 دېھقان – چارۋىچىنى ‹‹قوش تىل›› بويىچە تەربىيەلىدى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 22 ئائىلىگە 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ھال سوراش بۇيۇمى تارقىتىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. بۇ يىل 6 – ئايدا كومپيۇتېر، مەشىق ئاپتوموبىلى ۋە ئوقۇتقۇچى سەپلەپ، كەنتتە كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىپ، 274 دېھقاننى كومپيۇتېر بىلىملىرى، پىشۇرۇق پىشۇرۇش، تىككۈچىلىك، شوپۇرلۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتچىلىقى بويىچە تەربىيەلىمەكتە.

     ئاقسۇ تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە قوشئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاھىر ھېكىم مۇنداق دېدى: خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپ قىلغاندىلا، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغىلى، ئۇلارنى ھەقىقىي مايىل قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن كەسىپكار تەربىيەلەپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.