مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    كەنت-مەھەللىلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى دېھقانلار ئالدىرىغانغا ئالدىرىدى

    ئامانگۈل2017-07-24 11:45:03شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: تۇرپان شەھىرى ۋە پىچان ناھىيەسىدىكى تارماق، ئورۇنلارنىڭ »ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش« بويىچە پىچان ناھىيەسىنىڭ كەنت - مەھەللىلىرىدە تۇرۇشلۇق 19 خىزمەت ئەترىتى پىچان ناھىيەسىدىكى كەنت - مەھەللىلەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

     لۈكچۈن بازىرىنىڭ سىركىپ كەنتىدە نامرات ئائىلىلەر كۆپرەك بولۇپ، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئېڭى تۆۋەن ئىدى. 4102 - يىلىدىن بۇيان تۇرپان شەھەرلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى. بۇ كەنتتىكى ئەكبەر غوپۇر بەش مو تېرىلغۇ يېرىدىن تۈزۈكرەك كىرىم قىلالماي كەلگەنىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بىلەن، ئۇ تېرىلغۇ يېرىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئىلمىي باشقۇرۇپ، مو بېشى كىرىمىنى 0006 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە سىركىپ كەنتىدىكى 232 نامرات ئائىلە ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈردى.

     تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پىچان يېزىسىنىڭ چوققاتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 01 مىليون يۈەنگە يېقىن تۈر مەبلىغى ھەل قىلىپ، كوچىلارنى رەتلەپ، يوللارنى ئاسفالتلاشتۇرۇپ ۋە يول چىرىغى ئورنىتىپ، گۈزەل كەنت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. پىچان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ دىغار يېزىسىنىڭ دىغار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن كەنتنىڭ يول قۇرۇلۇشى، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، نامرات ئائىلىلەرگە ھەقسىز ئەمىن ئۆي ۋە قوتان سېلىپ بېرىش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق تۈرلەرگە 61 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.

     پىچان ناھىيەسىنىڭ كەنت - مەھەللىلىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى 4102 - يىلىدىن بۇيان 7652 نامرات ئائىلىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يېڭى يول ئاچتى. ئۈچ يىلدا ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 0011گە يېقىن قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.