مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى ياشانغانلارنىڭ ‹‹ئالتۇن توي››ىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

    ئامانگۈل2017-07-11 15:34:47شىنجاڭ گېزىتى

      نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى ئوبلاستلىق زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسى چولاقبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە كەنتتىكى ئون جۈپ ياشانغان كىشىنىڭ ‹‹ئالتۇن توي››ىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

     پائالىيەتتە چىرايلىق ياسانغان ئون جۈپ ياشانغان ئەر – خوتون ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا ئولتۇرۇپ، كەنتنى بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئالاھىدە تەييارلانغان ‹‹ئالتۇن توي›› سورۇنىغا كېلىپ، ‹‹ئالتۇن توي››نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەق مەيداندا نەچچە يۈزلىگەن ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئۇلارنىڭ مۇھەببەت تارىخىغا شاھىت بولدى.

     ‹‹ئالتۇن توي››ىنى ئۆتكۈزگەن ما فۇيى مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم بىلەن توي قىلغىنىمىزغا 65 يىل بولدى، شۇنچە يىلدىن بۇيان بۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، بەك تەسىرلەندىم.

     پائالىيەتتە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ياشانغانلار ئۈچۈن مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بېرىپ، پائالىيەتنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. ياشانغانلار ‹‹ئالتۇن توي›› خاتىر سۈرىتىگە چۈشۈپ، بۈگۈنكى خۇشال كۈنىدىن خاتىر قالدۇردى.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا بۇ كەنتنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قەدەر ئازلىقىنى بايقاپ، مەخسۇس پارتىيەلىك كادىرلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدە مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەنتتىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.