مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەل رايى

    كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئەمگەكچىسى يوق ئائىلىلەرگە ‹‹ئەمگەك كۈچى›› بولدى

    ئامانگۈل2017-07-05 12:06:16شىنجاڭ گېزىتى

      پەرھات مىجىت، رىزۋانگۈل راخمان خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە قايلور بازىرىنىڭ نورۇز قۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كەنتتىكى قارىغۇچىسى يوق 92 ياشلىق موماي ئايتۇللاخان سەمەتنىڭ بۇغدىيىنى ئورۇپ يىغىشىپ بەردى. بۇ ئىشتىن تەسىرلەنگەن ئايتۇللاخان سەمەت مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا ‹‹ئەمگەك كۈچى›› بولۇپ قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ، بىر كۈندىلا بۇغدىيىمنى ئورۇپ يىغىپ بەردى. ئۇلارنىڭ مېھىر – شەپقىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.

     كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئورما باشلىنىشتىن بۇرۇن كەنتتىكى قېرى، ئاجىز، مېيىپ، ئەمگەكچىسى يوق ئائىلىلەرنى ئېنىقلىدى. ئۇلارنىڭ بۇغداي ئورۇش، يىغىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى. ئەترەت ئەزالىرى يېقىندىن بۇيان كەنتتىكى قېرى، ئاجىز، مېيىپ، ئەمگەكچىسى يوق 17 ئائىلىنىڭ 38 مو يېرىدىكى بۇغدىيىنى ئورۇپ يىغىشىپ بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.